ئوۋېن شارقىراتمىسى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئۇگاندا جۇمھۇرىيىتىنىڭ جەنۇبىدىكى جىنجا شەھىرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ۋىكتورىيە نىل دەرياسىدىكى بىر چوڭ شارقىراتما، ئۇگاندا بويىچە چوڭ تىپتىكى سۇ قۇرۇلۇش ئورنى. بۇ جايدا 1949 - يىلدىن باشلاپ توسمىنىڭ ئېگىزلىكى 27 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 170 مېتىر كېلىدىغان توسما ياسىلىپ، ۋىكتورىيە كۆلىنىڭ ئېقىپ چىقىش يولى توسالغان، سىغىمچانلىقى 150 مىڭ كىلوۋات توك بېرىدىغان سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى سېلىندى، بۇ جايدىن ئېلىنغان توك دۆلەت ئېھتىياجىنى تەمىنلەشتىن سىرت 480 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يۇقىرى بېسىملىق توك لىنىيىسى ئارقىلىق كېنىيىنىڭ نابروي قاتارلىق شەھەرلىرىگە يەتكۈزۈلمەكتە.