بارېنس دېڭىز
دۇنيادىكى شەھەرلەر
شىمالىي مۇز ئوكياندىكى ۋايگاچ، يېڭى يەر، فرانتس —ئىئوسف يېرى، شىپتبېرگىن ۋە ئېيىق ئاراللىرى ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. ئۇ جەنۇبتا ئاق دېڭىزدىن كانېن تۇمشۇقىنى لىنىيە قىلغان ھالدا ئايرىلىپ تۇرىدۇ. ئومۇمىي مەيدانى 1 مىليون 405 مىڭ كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. بۇ دېڭىزغا پېچورا قاتارلىق بىر قانچە دەيالار قۇيۇلىدۇ. دېڭىزنىڭ ئىقلىمى ئانتاركتىكا ئىقلىمىغا كىرىدۇ. لېكىن مېكسىكا يىللىق ئىقىمىنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن قىشلىق ھاۋاسى يىللىق بولىدۇ. ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى شىمالىي قىسمىدا ℃20 - دىن ℃ 25 - قىچە بولسا، غەربىي جەنۇبقا بارغانسېرى ℃5- دىن ℃5 قىچە بولىدۇ. ئاۋغۇست ئايلىرىدا شىمالدا ℃0 بولسا، غەربىي جەنۇبى قىسىملىرىدا ℃10 بولىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى شىمالىي قىسمىدا 250 مىللىمېتر، غەربىي جەنۇبتا 500 مىللىمېتر بولىدۇ. سۇ ئۈستى ئېقىمى سائەت سترېلكىسىنىڭ يۆنىلىشىگە قارشى ھالەتتە ئايلىنىدۇ. دېڭىز سۈيىنىڭ شورلىنىش مىقدارى % 34 كە توغرا كېلىدۇ. دېڭىزنىڭ گولفىسترم تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغان شەرق، شەرقىي شىمال قىسىملىرنىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن بولۇپ، دائىم مۇز بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. بارېنتس دېڭىزى يىللىق گولفىسترمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن دېڭىز قىرغىقىدا سۈيى توڭلىمايدىغان پورتلار بار.