ئېدۋارد كۆلى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
زايىر بىلەن ئۇگاندا دۆلەتلىرىنىڭ چېگرىسىغا، ئېكۋاتورنىڭ دەل جەنۇبىغا جايلاشقان تاتلىق سۇلۇق كۆل. يەر قاتلىمىنىڭ ئۈزۈلۈپ چۆكۈشىدىن شەكىللەنگەن، بۇ كۆل دېڭىز يۈزىدىن 912 مېتىر ئېگىز تۇرىدۇ، شىمالدىن جەنۇبقا ئۇزۇنلۇقى 76 كىلومېتىر، غەربتىن شەرققە كەڭلىكى 51 كىلومېتىر كېلىدۇ. مەيدانى 2150 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، شەرقىي جەنۇبىدا كەڭ ئوتلاقلاردىن ئېقىپ ئۆتىدىغان رۇت چارو دەرياسى كېلىپ قۇيۇلىدۇ، شەرقىي شىمالدا 32 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى كازىنگا سۇ يولى ئارقىلىق گېئورگى كۆلى بىلەن باغلىنىدۇ. كۆل سۈيى شىمالغا قاراپ ئېقىپ سېملىكىي دەرياسى ئارقىلىق مومبوتو كۆلىگە قۇيۇلىدۇ. كۆلنىڭ جەنۇب، شىمال قىرغاقلىرىنىڭ يەر ۋەزىيىتى پەسرەك، شەرق، غەرب قىرغاقلىرى تىك كېلىدۇ، كۆلدە بېلىق، ئۇچار قانات تۈرلىرى بىلەن سۇ ئېتى ناھايىتى كۆپ.