يۇرا تېغى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
فرانسىيە بىلەن شۋېتسارىيە چېگرىسىغا جايلاشقان. شەرقىي شىمال، غەربىي جەنۇب يۆنىلىشىدە ئالىپ تېغىدىن رونا، بېن دەريا ۋادىسىغىچە 600 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا سوزۇلۇپ تۇرىدۇ. تاغنىڭ ئۈستى قىسمى سەل تەكشى، ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1000 مېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. تاغلىقنىڭ كۆپ قىسمى يۇرا دەۋرىدىكى بور ۋە ئاھاك تاشلاردىن تۈزۈلگەنلىكى ئۈچۈن كارستلىق يەر شەكلى تەرەققىي قىلغان. تاغدىكى ئەڭ ئېگىز بولغان كرېت - دې - لا - نېگى چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 1723 مېتىرغا يېتىدۇ. تاغلىقتا ئارشاڭ بۇلاقلار كۆپ. تاغنىڭ كۆپ قىسمىنى قېلىن يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمانلار قاپلاپ تۇرىدۇ.