UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرشىمالىي ئارال

شىمالىي ئارال

دۇنيادىكى شەھەرلەر يېڭى زېلاندىيىنىڭ شىمالدىكى چوڭ ئارال. غەربىي جەنۇبتا كۇك بوغۇزى ئارقىلىق جەنۇبىي ئارالدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. شىمالدىكى شىمالىي تۇمشۇقتىن جەنۇبىدىكى پاللىسېر تۇمشۇقىغىچە بولغان ئارىلىقى 816 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 320 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. مەيدانى 11 مىڭ 450 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى 2 مىليون 280 مىڭدىن ئوشۇق (1979) بولۇپ، پۈتۈن دۆلەت ئاھالىسىنىڭ % 72نى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ جاي ماۋرى خەلقلىرىنىڭ ئولتۇراقلاشقان جايى ھېسابلىنىدۇ. پايتەختى ۋېلىنگتون ئارىلىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. ئارالنىڭ دېڭىز قىرغاقلىرى بەك كېسىلگەن بولۇپ، يېرىم ئارال، قولتۇقلار كۆپ. دېڭىز قىرغاقلىرىدا مۇنبەت تۈزلەڭلىكلەر بار. ئارالنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى تاغلىقلار ئىگىلەپ تۇرىدۇ. بۇ جايدا روئاپېخو، ئىنگمانت، تاراۋېرا قاتارلىق مەشھۇر يانار تاغلار بار. ئارالدىكى ئاتاقلىق تاۋېبۇ كۆلىنىڭ ئەتراپىدا قە ۋەت - قەۋەت ۋولقان لاۋىلىرى شەكىللەنگەن، ئۇنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 400-700 مېتىرغا يېتىدۇ. ئارالنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل بەلباغ دېڭىز ئوكيان خاراكتېرلىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 1000-1500 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ، تاغلارنى قېلىن ئورمانلار قاپلاپ تۇرىدۇ، مەنزىرىسى ناھايىتى گۈزەل. بۇ يەردە دۆلەت باغچىلىرى بار، ساياھەت قىلىش ئورۇنلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ. شىمالىي ئارال يېڭى زېلاندىيىنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي رايونى، سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى پۈتۈن دۆلەت سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ 4/3 قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. چارۋا مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، كانچىلىق، مېتاللۇرگىيە، ماشىنىسازلىق، نېفىت خىمىيە، ياغاچچىلىق، قەغەز قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. چارۋىچىلىقى تەرەققىي قىلغان، سۈتلۈك كالا، قوي بېقىش ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. چەت ئەللەرگە گۆش، سۈت مەھسۇلاتلىرى، قوي يۇڭى، ياغاچ قاتارلىقلار ئېكسپورت قىلىنىدۇ. شىمالىي ئارالدىكى ئوكلېند يېڭى زېلاندىيىنىڭ ئەڭ چوڭ سانائەت مەركىزى ھەم مۇھىم پورتى.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر