UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەركاسكاد تاغلىرى

كاسكاد تاغلىرى

دۇنيادىكى شەھەرلەر ئا ق ش نىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، بۇ تاغلىق كالفورنىيىنىڭ شىمالىدىكى لاسسېن چوققىسىدىن باشلىنىپ، شىمالغا قاراپ ئورېگون شتاتى ۋە ۋاشېنگىتون شتاتىنى بېسىپ ئۆتۈپ، كانادانىڭ برشان، كولۇمبىيە ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبىغا قەدەر كېلىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1100 كىلومېتىرغا يېتىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1500 - 2600 مېتىرغا يېتىدۇ. بۇ تاغلىقتا دۈگىلەك شەكىللىك يانار تاغلار كۆپ، بۇنىڭ ئىچىدە رائىنېر چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 4391 مېتىر كېلىدۇ. تاغلىقنىڭ غەربىي يانباغرىنىڭ ھاۋاسى نەم بولۇپ، قېلىن ئورمانلار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. تاغلىقنىڭ شىمالىي بۆلىكىدىكى تاغ چوققىلىرىدا ھازىرقى زامان مۇزلۇقلىرى بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
كاسكاد تاغلىرى | UyghurWiki | UyghurWiki