UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرمارى ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى

مارى ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى

دۇنيادىكى شەھەرلەر سوۋېت ئىتتىپاقى رۇس فېدېراتسىيىسىنىڭ بىر مەمۇرىي رايونى بولكۇپ، ۋولگا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىغا جايلاشقان. مەيدانى 23 مىڭ 200 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 725 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985)، بۇنىڭ ئاساسىنى مارى خەلقلىرى، قالغىنىنى رۇس، چۇۋاش، تاتار قاتارلىق مىللەتلەر تەشكىل قىلىدۇ. مارى 1920 - يىلى ئوبلاست بولۇپ قۇرۇلغان، 1936 - يىلى ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتكە ئۆزگەرتىلگەن. مەركىزى يوشكار شەھىرى. مارىنىڭ غەربى پەس (60-100)، جەنۇبىدا چۇۋاش ئېگىزلىكى (100-190 مېتىر) بار. ئىقلىمى مۆتىدىل بەلباغ ماتېرىك خاراكتېرلىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، يىللىق ھكل - يېغىن مىقدارى 500 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. ئورمان % 50يېرىنى قاپلاپ تۇرىدۇ. سانائەتتە ئورمان كېسىش، ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، قەغەز سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ، يېزا ئىگىلىكىدە قارا بۇغداي، ياڭيۇ، ئاسىيا كەندىرى ئۆستۈرۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
مارى ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى | UyghurWiki | UyghurWiki