UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەربانگى

بانگى

دۇنيادىكى شەھەرلەر ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭسىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى. ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى بويىچە ئەڭ چوڭ شەھەر. بانگى شەھىرى زايىر دەرياسىنىڭ مۇھىم تارمىقى بولغان ئوبانگى دەرياسىنىڭ غەربىي ياقىسىغا جايلاشقان. بۇ شەھەر 1890 - يىلى قۇرۇلغان، 1960 - يىلى 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى مۇستەقىل بولغاندا دۆلەتنىڭ پايتەختى قىلىپ بەلگىلەنگەن. شەھەر ئاھالىسى 400 مىڭدىن ئاشىدۇ (1982)، شەھەردە دائىرىسى خېلى چوڭ بولغان پاختا توقۇمىچىلىق فابرىكىسى، قۇشخانا، ئۇن زاۋۇتى، ياغ زاۋۇتى، كۆن - خۇرۇم، ياغاچچىلىق كارخانىسى، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان خىمىي سانائەت ئورۇنلىرى بار. بانگى ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، مۇھىم دەريا پورتى، شەھەر بىلەن دەريانىڭ نامى شۇ جايدا ياشىغان بۇبانگى قەبىلىسىنىڭ نامىغا بېرىلگەن. بانگى شەھىرىدىن يولغا چىققا پاراخوت ئۇبانگى دەرياسى ئارقىلىق كونگونىڭ پايتەختى براززاۋىل بىلەن زايىرىنىڭ پايتەختى كېنىشاساغا قەدەر كېلەلەيدۇ. ئوتتۇرا ئافرىقىنىڭ سىرتقى دۆلەتلەرگە چىقىرىلىدىغان ماللىرىنىڭ خېلى بىرقىسىمى بانگى پورتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىشتىن سىرت، چادنىڭ بىر قىسىم ماللىرىمۇ بانگى شەھىرى ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىنىدۇ. ئۇبانگى دەرياسىدا يىل بويى قاتناش قىلىشقا بولىدۇ. بانگى شەھىرى تاشيوللار ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. شەھەرنىڭ يېنىدا خەلقئارا ئايرودرومى بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر