يوھاننېسبۇرگ
دۇنيادىكى شەھەرلەر
جەنۇبىي ئافرىقا (ئازانىيە) نىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى. بۇ شەھەر جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بال دەريا بويىدىكى ئېگىزلىككە جايلاشقان. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1754 مېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى بىر مىليون 772 مىڭدىن ئاشىدۇ (1980). بۇ جاي ئەسلى كان تەكشۈرۈش پونكىتى بولغان، 1866 - يىلى شەھەر بولۇپ قۇرۇلغان. كېيىن ئالتۇن كاننىڭ تېپىلىشى ۋە كۆپلەپ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ تەدرىجىي كېڭىيىپ زامانىۋى شەھەرگە ئايلانغان. بۇ شەھەر دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئالتۇن كان رايونىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان. شەھەر ئەتراپىدىكى 240 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بەلباغدا 60 دىن ئوشۇق ئالتۇن كېنى بار. شۇڭا <ئالتۇن پايتەخت> دەپ نام ئالغان. شەھەرنىڭ سىرتقى بەلبېغىدا نۇرغۇنلىغان كان سانائەت شەھەرلىرى بار. شەھەر ئىچى بىلەن شەھەر رايونىدا چوڭ تىپتىكى كان ماشىنىلىرى زاۋۇتى بىلەن خىمىيە، توقۇمىچىلىق، ئېلېكتر ماشىنىلىرى، ماپتوموبىل، كاۋچۇك، پارتىلىتىش دورىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش قاتارىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. شەھەرنىڭ پۇل مۇئامىلە، سودا ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان. نۇرغۇن چوڭ شىركەتلەر بىلەن چوڭ بانكىلارنىڭ ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرى مۇشۇ شەھەرگە جايلاشقان. شەھەرنىڭ تۆمۈريول، تاشيول، ھاۋا يول ترانسىپورتى تەرەققىي قىلغان. يەرلىك ئافرىقا ئىشچىلىرى شەھەر سىرتىدىكى بەلگىلەنگەن ئورۇنلاردا ئولتۇراقلاشقان.