UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرئەخمەد ئاباد

ئەخمەد ئاباد

دۇنيادىكى شەھەرلەر ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان گوجرات شتاتىنىڭ مەركىزى، ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇھىم سانائەت مەركىزى، ئەڭ قەدىمىي شەھەرلەرنىڭ بىرى. بۇ شەھەرنى 15 - ئەسىردىكى گوجرات پادىشاھى سۇلتان ئەخمەد شاھ بۇرۇنقى ئاشاۋال شەھىرى ئاساسىدا كېڭەيتىپ قايتا سالدۇرغان (1414 - 1443 - يىللىرى ياشىغان)، شەھەرنىڭ نامى شۇ كىشىنىڭ نامىغا ئەخمەد ئاباد دەپ نام بېرىلگەن. ئەىمەد ئاباد شەھىرى ئەرەب دېڭىزىغا تەۋە بولغان كامباي قولتۇقىنىڭ شىمالىي، سابار ماتى دەريا بويىغا جايلاشقان. ئاھالىسى شەھەر رايونى بىلەن قوشۇلۇپ 1 مىليون 742 مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇ شەھەر كونا شەھەر ھەم يېڭى شەھەردەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ، يېڭى شەھەر ھەم يېڭى شەھەر دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ، يېڭى شەھەر دەريانىڭ ئوڭ ياقىسىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ جايدا ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، مەدەنىيەت - مائارىپ ئورۇنلىرى، ئاھالە ئولتۇراقلىق جايلار، ئالىي بىلىم يۇرتلىرى بار. كونا شەھەر دەريانىڭ سول ياقىسىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ جايدا سودا ماگىزىنلىرى، تۆمۈريول، قاتناش تۈگۈنى، زاۋۇتلار بار. ئەخمەد ئاباد ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرىدىن قالسا ئىككىنچى مۇھىم پاختا توقۇمىچىلىق سانائەت مەركىزى. ئۇ پاختا توقۇمىچىلىق سانائىتى جەھەتتە ھىندىستاندا ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا خىمىيە، نېفىت، ماشىنىسازلىق، ياغ چىقىرىش زاۋۇتى، ئۇن زاۋۇتى، يىپەك توقۇمىچىلىق فابرىكىسى،گىلەم. توقۇش، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىش سانائەت ئورۇنلىرىمۇ بار. ئۇنىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىزدا نېفىت بارلىقى ئېنىقلانغاندىن كېيىن نېفىت سانائىتى تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئەخمەد ئاباد | UyghurWiki | UyghurWiki