UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرسۇلايمان تېغى

سۇلايمان تېغى

دۇنيادىكى شەھەرلەر پاكىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمى بىلەن ئافغانىستاننىڭ شەرقىي تەرىپىگە جايلاشقان. ئۇ ياي شەكلىدىكى تاغ بولۇپ، شىمالدا ھىندى دەرياسىنىڭ غەربتىن كېلىدىغان تارمىقى گومالې دەريا بويىدىن باشلىنىپ، جەنۇبقا قاراپ جاتۇب ئاباد شەھىرىگە قەدەر 450 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا سوزۇلىدۇ. سۇلايمان تېغىنىڭ شىمالىي تەرىپى ئېگىز بولۇپ، جەنۇبقا قاراپ پەسىيىپ بارىدۇ. شەرققە قاراپ پەسىيىپ ھىندى دەريا بويى تۈزلەڭلىكىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. تاغلىقنىڭ ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1800 مېتىردىن 2100 مېتىرغا قەدەر كېلىدۇ. ئەڭ ئېگىز تاكىت - ئى - سۇلايمان چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 3374 مېتىرغا يېتىدۇ. سۇلايمان تېغىدا خروم، كۆمۈر قاتارلىق كان بايلىقلىرى قېزىپ ئېلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر