UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرسۇماتېرا ئارىلى

سۇماتېرا ئارىلى

دۇنيادىكى شەھەرلەر ھىندۇنېزىيىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان چوڭ ئارال. ئۇنىڭ غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبتىكى ئۇزۇنلۇقى 2600 كىلومېتىر كېلىدۇ. غەربتىن شەرققە بولغان كەڭلىكى 400 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. يەر مەيدانى 433 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، پۈتۈن ھىندۇنېزىيە يېرىنىڭ 4/1 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. ئارالنىڭ غەربىي تەرىپىگە يانار تاغ ئېگىزلىكلىرى بىلەن تاغلىقلار جايلاشقان. تاغلىقلار ئارالنىڭ يۆنىلىشىنى بويلاپ، غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا قاراپ سوزۇلۇپ تۇرىدۇ. تاغلارنىڭ غەربىي تەرىپى تىك بولۇپ، چوڭقۇر جىرالار ناھايىتى كۆپ. تاغلىقلاردا 100 دىن ئوشۇق ئۆچكەن ۋە ھەرىكەتتىكى يانار تاغلار بار، ئەڭ ئېگىز (دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3805 مېتىر) كرىينچ يانار تېغىمۇ ھەرىكەتتىكى يانار تاغ ھېسابلىنىدۇ. ئارالنىڭ شەرقىي تەرىپىگە تۈزلەڭلىكلەر، سازلىقلار جايلاشقان. تۈزلەڭلىكلەرنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 30 مېتىردىن ئاشمايدۇ. سوماتېرا ئارىلىنىڭ ئىقلىمى تروپىك يامغۇرلۇق ئورمان ئىقلىمى بولۇپ، ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يىل بويى يۇقىرى، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 2000 مىللىمېتىردىن يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا ئۇ ھىندۇنېزىيىنىڭ ئەڭ چوڭ تروپىك ئۆسۈملۈك رايونى ھېسابلىنىدۇ. بۇ جايدىكى ئۆسۈملۈك باغچىلىرىنىڭ مەيدانى پۈتۈن دۆلەتتىكى ئۆسۈملۈك باغچىلىرى مەيدانىنىڭ 60% نى ئىگىلەيدۇ. بۇ جايدىكى ئېگىزلىكلەر، تاغلىقلار ياپيېشىل ئورمانلار بىلەن قاپلانغان. بۇ جايدىكى كاۋچۇك ۋە پالما مەيدانلىرى دۆلەت بويىچە ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئورمان مەيدانى پۈتۈن ئارالنىڭ %60 نى ئىگىلەيدۇ. سوماتېرا ھىندۇنېزىيىنىڭ ياۋا ئارىلىدىن قالسا ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي رايونى، ئۇنىڭ پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش سانائىتى پۈتۈن دۆلەتنىڭ پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش سانائىتىنىڭ %10 نى ئىگىلەيدۇ. سوماتېرادا كان بايلىقلىرى مول، يەر كۆپ، ئورمان مەيدانى كەڭ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ پايدىلىق شارائىتلىرى تولۇق. سۇماتېرا ئارىلىنىڭ شەرقىدىكى تۈزلەڭلىكلەر بىلەن دېڭىزدا نېفىت، قەلەي قاتارلىق كان بايلىقلىرى مول. ئۇ جايدا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان نېفىت، قەلەي، كاۋچۇك، پالما، تاماكا، قارامۇچ، پالما قېقى، تالالىق ئاگاۋى، دېڭىز م ەھسۇلاتلىرى مىقدارى ۋە ئېكسپورتى دۆلەت بويىچە بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. بۇلاردىن قالسا كۆمۈر، ۋولفرام، كوبالت، شال، كوفى، چاي، ياغاچ ماتېرىياللىرى چىقىدۇ. سانائىتىدە نېفىت ئايرىش، قەلەي سانائىتى، ماشىنىسازلىق، خىمىيە، توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. بۇ خىل سانائەت ئورۇنلىرىنىڭ كۆپى پالېمبانگ، جەمىبىي، مىدان، پارانگ قاتارلىق شەھەرلەرگە مەركەزلەشكەن.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر