كارىب دېڭىز
دۇنيادىكى شەھەرلەر
جەنۇبىي ئامېرىكا، ئوتتۇرا ئامېرىكا ۋە غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرى ئارىسىغا جايلاشقان دېڭىز، ئۇنى مېكسىكا قولتۇقى بىلەن قوشۇپ ئامېرىكا قىتئەسىدىكى يەر ئوتتۇرا دېڭىز دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يەر مەيدانى 2 مىليون 754 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 2491 مېتىر. ئەڭ چوڭقۇر جايى 7680 مېتىر كېلىدۇ، كارىب دېڭىزىنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا (ۋېنېسۇئېلا) كۆپ مىقداردا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقى بار بولۇپ، ھازىر كۆپلەپ قېزىلماقتا. جەنۇبىي ئامېرىكا بويىچە ئاتاقلىق دېڭىز ئاستى نېفىتلىكى بولغان ماراكايىبو كۆلىنىڭ سۈيى كارىب دېڭىزىنىڭ سۈيى بىلەن ئالمىشىپ تۇرىدۇ. ئاتاقلىق ساياھەتچى كولومبو 1498 - يىلى ئاتلانتىك ئوكياننى كېسىپ ئۆتۈپ، ئامېرىكىغا قىلغان ئۈچىنچى قېتىملىق سەپىرىدە بۇ دېڭىز رايونىدىكى ئورۇنلارنى تەكشۈرگەن. 1914 - يىلى پاناما قانىلىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، بۇ دېڭىز تىنچ ئوكيان بىلەن ئاتلانتىك ئوكيان، جەنۇبىي ئامېرىكا بىلەن شىمالىي ئامېرىكا ئارىلىقىدىكى مۇھىم سۇ قاتناش يولىغا ئايلاندى.