UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەركولىما دەرياسى

كولىما دەرياسى

دۇنيادىكى شەھەرلەر سوۋېت ئىتتىپاقى سىبىرىيىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ياقۇت ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى ۋە ماگادان ئوبلاستى بىلەن چېگرىلىنىدۇ. باش مەنبەسى خالكانىسكى تاغلىرىدىن باشلىنىدىغان ئايان - يورياخ دەرياسى بىلەن كۇلۇ دەريالىرىنىڭ قوشۇلۇشىدىن شەكىللەنگەن. بۇ دەريا شەرقىي شىمالغا قاراپ ئېقىپ شىمالىي مۇز ئوكياننىڭ شەرقىي سىبىرىيە دېڭىزىغا قويۇلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 2600 كىلومېتىر كېلىدۇ، كۆلىمى 644 كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ. يۇقىرى ئېقىنى مەشھۇر ئالتۇن كان رايونلىرىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ، بۇ جايدىكى دەريا ۋادىسى چوڭقۇر، ئېقىنى تېز، خەتەرلىك ئورۇنلار كۆپ، ئوتتۇرا ئېقىنىنىڭ دەريا ۋادىسى كەڭ، سۈيى ئاستا، دەريا ئاغزىدىكى ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى 3900 كۇب مېتر سېكونتقا يېتىدۇ، يىللىق سۇ مىقدارى 123 كىلومېتر كېلىدۇ. باخاچاپ دەريا ئېغىزىنىڭ تۆۋەندىكى 2000 كىلومېتر قىسمىدا قاتناش قىلىشقا بولىدۇ، ئۆستى سىرېنكاننىڭ تۆۋەن قىسمىدا قەرەللىك قاتناش قىلىشقا بولىدۇ، دەريانىڭ توڭلاش ۋاقتى 7 ئايدىن كۆپرەك بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر