UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەركاۋئەي ئارىلى

كاۋئەي ئارىلى

دۇنيادىكى شەھەرلەر شىمالىي تىنچ ئوكياندىكى گاۋاي تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئەڭ شىمالىغا جايلاشقان يانار تاغ ئارىلى. مەيدانى 1430 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 30 مىڭدىن ئاشىدۇ، ئارالدا تاغلىقلار كۆپ، كاۋايكىنى چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 1576 مېتىر، ۋېي ئالېلې چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 1539 مېتىر كېلىدۇ. ھۆل - يېغىنى مول بولۇپ، تاغلىقلارنىڭ شەرقىي شىمال يانباغرىدا ھۆل - يېغىن 10 مىڭ مىللىمېتىردىن ئاشقان خاتىرىلەرمۇ بار. تاغلار چوڭقۇر كېسىلگەن بولۇپ، ئاتاقلىق تاغ ۋادىلىرىمۇ بار. ئىقتىسادىي جەھەتتە شېكەر قومۇشى ئۆستۈرۈشنى ئاساس قىلىدۇ، مەمۇرىي مەركىزى لىخۇئې شەھىرى، مۇھىم پورتى خانالېئى. بۇ ئارال ئىكىسپېدىتسىيىچى كوكنىڭ گاۋاي تاقىم ئاراللىرىغا بارغاندىن كېيىن ئەڭ ئالدى بىلەن قۇرۇقلۇققا چىققان ئارال ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
كاۋئەي ئارىلى | UyghurWiki | UyghurWiki