UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرماسىراھ ئارىلى

ماسىراھ ئارىلى

دۇنيادىكى شەھەرلەر ئەرەبىستان يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان ئوماننىڭ ئەڭ چوڭ ئارىلى، ئارال بىلەن ئەرەبىستان يېرىم ئارىلىنى 16 كىلومېتىر كەڭلىكتىكى ماسىرا بوغۇزى ئايرىپ تۇرىدۇ، ئارالنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى تاغ ئارىلىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 190 مېتىردىن ئاشمايدۇ. ئارىلىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 64 كىلومېتىر، كەڭلىكى 16 كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ ئارال كىچىك بولسىمۇ، ئۇنىڭ ستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى ناھايىتى چوڭ، ئارالنىڭ شەرقىي شىمال بۇرجىكىدە ھەربىي ئارودرومى بىلەن دېڭىز ئارمىيە بازىسى بار، ئارالدىكى خەلقلەر بېلىقچىلىق ھەم چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر