UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرئالياسكا

ئالياسكا

دۇنيادىكى شەھەرلەر شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان. ئۇنىڭ ئۈچ تەرىپى سۇ بىلەن، بىر تەرىپى كانادا بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. غەربىي شىمالىي 86 كىلومېتر كەڭلىكتىكى بېرنگ بوغۇزى ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. ئالياسكا بىلەن ئا ق ش نىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق قىسمى دېڭىز ۋە ھاۋا يوللىرى ياكى كانادادىن ئۆتىدىغان تاشيوللار ئارقىلىقى باغلىنىپ تۇرىدۇ. ئالياسكىنىڭ يەر مەيدانى بىر مىويون 518 مىڭ كۋادرات كىلومېتر بولۇپ، ئا ق ش يەر مەيدانىنىڭ 1/6 نى تەكشىل قىلىدۇ، ئالياسكا قۇرۇقلۇق قىسمىدىن سىرت، ئەتراپىدىكى بىر نەچچە مىڭ ئارالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنڭ ئىچىدە ئالېئوت ئاراللىرى بىلەن ئالېكساندىر ئاراللىرى ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ئالياسكا يەر شەكلى جەھەتتىن تاغلىقلارنى ئاساس قىلىدۇ. دېڭىز قىرغاق رايونلىرىدا تار كەتكەن تۈزلەڭلىكلەر بار. ئۇنىڭ يېرىنىڭ 1/3 قىسمى شىمالىي قۇتۇپ دائىرىسىگە جايلاشقان. ئالياسكىنىڭ شىمالىي تەرىپىدە بروكس تېغى، ئوتتۇرا قىسمىدا يۇكون دەريا ۋادىسى، جەنۇبىدىكى تىنچ ئوكيان تەرىپىدە ئالياسكا تاغلىرى ئورۇن ئالغان. ئالياسكا تاغلىرى ئىچىدىكى مككىنلى چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 6194 مېتر بولۇپ، شىمالىي ئامېرىكا بويىچە ئەڭ ئېگىز چوققا ھېسابلىنىدۇ. ئالياسكىنىڭ تىنچ ئوكيان ياقىسىدىكى ئاراللاردا يەر پوستى ھەرىكىتى كۈچلۈك بولۇپ، دائىم يەر تەۋرەش، ۋولقان پارتلاش قاتارلىق ھادىسىلەر بولۇپ تۇرىدۇ. ئالياسكىنىڭ ئىقلىمى سوغۇق بولىدۇ. ئۇنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم ئورۇنلىرى توندىرا ئىقلىم بەلبېغىغا كىرىدۇ. ئالياسكىنى ئەسلى چارروسىيە ئىگىلىگەن بولۇپ، 1867 - يىلى ئا ق ش غا 7 مىليون 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىۋەتكەن. 1950 - يىلى ئا ق ش نىڭ 49 - شتاتى بولۇپ قۇرۇلغان، ئاھالىسى 38 مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئەسلى ئاھالىسى ئىندىئانلار، ئالىئوتلار، ئېسىكىموسلاردىن باشقا، ئامېرىكىلىقلارمۇ بار. ئالياسكىتى يەرلىك خەلقلەر <ئالا - ئاش - كا> دەپ ئاتايدۇ. بۇ <چوڭ قۇرۇقلۇق> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئالياسكا ئىقتىسادىي جەھەتتىن كانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. يەرلىك خەلق تارىختىن بۇيان ئوۋچىلىق، بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ جايدا زامانىۋى ئۇسۇل بىلەن كان بايلىقلىرى ئېچىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان كان سانائىتى مۇھىم ئىقتىسادىي تارمىقى بولۇپ قالدى، ئالياسكىدا كان بايلىقلىرى مول، بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىقى نېفىت بىلەن تەبىئىي گاز ھېسابلىنىدۇ. ئالياسكا كان سانائىتىدىن قالسا ئورمانچىلىق، بېلىقچىلىق مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئورمالىرى ئىچىدە يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمان ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ دېڭىز قىرغاق رايونلىرىدىن كۆپ مىقداردا بېلىق چىقىدۇ. ئالياسكا ئا ق ش ئۈچۈن مۇھىم ستراتېگىيىلىك ئورۇن. ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنى كۆزىتىشتىكى مۇھىم ئالدىقى پوست بولۇپ، ئا ق ش نىڭ مۇھىم ھەربىي بازىلىرى قورال - ياراقلارنى سىنا قىلىش ئورۇنلىرى ئالىپئوت ئاراللىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئالياسكا | UyghurWiki | UyghurWiki