شتۇتگارت
دۇنيادىكى شەھەرلەر
گېرمانىيىنىڭ غەربىي جەنۇبى قىسمىغا جايلاشقان بادېن ۋىيور تېمبېرگ ئوبلاستىنىڭ مەركىزى، گېرمانىيىنىڭ غەربىي جەنۇبى قىسمىدىكى مۇھىم ئىقتىساد، مەدەنىيەت مەركىزى، بۇ شەھەر رېين دەرياسىنىڭ تارمىقى بولغان فىكا دەريا ۋادىسىغا جايلاشقان، شەھەر ئاھالىسى 600 مىڭدىن ئاشىدۇ. شتۇتگارت شەھىرى 1229 - يىلى شەھەر بولۇپ قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن بۇ جاي ئات باقىدىغان مۇھىم چارۋا مەيدانى بولغان. شەھەرنىڭ بۇرۇنقى نامىنى شتۇتېنگارتېن بولۇپ، <ئات باقىدىغان مەيدان> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. كېيىنچە <شتۇتگارت> دەپ ئۆزگەرتىلگەن. شتۇتگارت گېرمانىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدىكى مۇھىم سانائەت رايونى، ئۇ شۇ رايوندىكى ميۇنخېن شەھىرىدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ جايدا ئېلېكترون، ئاپتوموبىل، ماشىنىسازلىق، نازۇك ئەسۋاب ئىشلەپچىقىرىش، ئوپتىكا ئەسۋابلىرىنى ياساش، نەشرىياتچىلىق قاتارلىق سانائەتلەر تەرەققىي قىلغان. شتۇتگارت غەربىي گېرمانىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، مۇھىم مەدەنىيەت مەركىزى. شەھەردىن دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بارىدىغان بىرقانچە تارماق تۆمۈريول، تاشيول تورلىرى، ئايرودرومى بار. شتۇتگارت مۇھىم دەريا پورتى. نىكا دەرياسىدىن يولغا چىققان دەريا پاراخوتلىرى رېين دەرياسى ئارقىلىق دېڭىزغا چىقالايدۇ. شەھەردە نۇرغۇنلىغان ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، مۇزېيخانىلار ھەم نۇرغۇنلىغان ئۈزۈملۈك باغلار، ئارشاڭ بۇلاقلىرى بار. بۇ جايدا ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەپچىقىرىش غەربىي گېرمانىيە بويىچە ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. پەيلاسوپ گېگىل مۇشۇ شەھەردە دۇنياغا كەلگەن.