ئاخۋېنانما تاقىم ئاراللىرى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئالاند تاقىم ئاراللىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئاراللار ياۋروپانىڭ شىمالىدىكى بالتىق دېڭىزىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا، بالتىق دېڭىزىغا تەۋە بوتنىك قولتۇقىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان. بۇ ئاراللار سىياسىي جەھەتتىن فىنلاندىيىگە تەۋە بولۇپ، فىنلاندىيە قۇرۇقلۇقى بىلەن بولغان ئارىلىقى 70 كىلومېتر، غەربتىكى شىۋېتسىيە بىلەن بولغان ئارىلىقى 40 كىلومېتر كېلىدۇ. بۇ ئاراللار چوڭ - كىچىك 6500 دىن ئوشۇق ئارال ۋە خادا تاشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭى ئالاند ئارىلى بولۇپ، ئۇنىڭ يەر مەيدانى 640 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. پۈتۈن تاقىم ئاراللارنىڭ مەيدانى 1481 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. بۇ ئاراللاردا ئولتۇراقلاشقان ئاھالە 22 مىڭدىن ئاشىدۇ، ئاھالىنىڭ كۆپ قىسمىنى شىۋېتسىيىلىكلەر تەشكىل قىلىدۇ. بۇ ئاراللار ئىچىدىكى 80 گە يېقىن ئارالدا كىشىلەر ئولتۇراقلاشقان. ئاخۋېنانما تاقىم ئاراللىرىنىڭ مەركىزى — مارىيە پورتى بولۇپ، ئۇ فىنلاندىيە بويىچە ئىككىنچى چوڭ پورت ھېسابلىنىدۇ. ئۇ يەرنىڭ ھاۋا كىلىماتى مۆتىدىل، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن ئاساسەن بۇغداي، ياڭيۇ، سەي، مېۋە - چېۋە ئۆستۈرۈلىدۇ. بېلىقچىلىق بىلەن قاتناش ترانسپورتى تەرەققىي قىغان.