UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرنېۋادا تاغلىرى

نېۋادا تاغلىرى

دۇنيادىكى شەھەرلەر دۇنيادا ئىككى نېۋادا دەپ ئاتىلىدىغان تاغلىق بار. ئۇنىڭ بىرسى ياۋروپادىكى ئىبىرىيە يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان ئاندالوسىيە (ئانزالوزىيە دەپمۇ ئاتىلىدۇ) تاغ تىزمىسىدىكى نېۋادا تېغى. بۇ تاغ غەربتىن شەرققە قاراپ 41 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا سوزۇلىدۇ، بۇنىڭ ئەڭ ئېگىز مولاسىن چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى دېڭىز يۈزىدىن 3478 مېتىر ئېگىز كېلىدۇ. بۇ، پىرىنى (ئىبىرىيە) يېرىم ئارىلى بويىچە ئەڭ ئېگىز نۇقتا ھېسابلىنىدۇ. يەنە بىرى ئا ق ش نىڭ غەربىي قىسمىدا شىمالدىن جەنۇبقا سوزۇلغان نېۋادا تېغى. ئۇنىڭ شىمالى لاسېن چوققىسىدىن باشلىنىپ، لوس - ئانژېلىس شەھىرىنىڭ شىمالىغا 640 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا سوزۇلۇپ تۇرىدۇ. بۇ تاغلىقنىڭ 4000 مېتىردىن ئاشقان تاغ چوققىلىرى ناھايىتى كۆپ، ئەڭ ئېگىز ئوتىنى چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4418 مېتىر كېلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر