UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرئەنگلىيىگە قاراشلىق ۋىرگىن تاقىم ئاراللىرى

ئەنگلىيىگە قاراشلىق ۋىرگىن تاقىم ئاراللىرى

دۇنيادىكى شەھەرلەر غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرى تەركىبىدىكى كىىچك ئانتىل ئاراللىرىنىڭ شىمالىدىكى تارقىم ئاراللار. بۇلار تورتولا، ئانېگادا، ۋېرگىن گوردا، يوست ۋان دەيكې قاتارلىق تۆت چوڭ ئارال ھەم ئۇلار ئەتراپىدىكى 30 دىن ئوشۇق ئارال، مارجان رېفلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەيدانى تەخمىنەن 153 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. ئاھالىسى 120 مىڭدىن ئاشىدۇ، ئاھالىسى 16 ئارالغا ئولتۇراقلاشقان. كۆپ قىسمىنى نېگىرلار ھەم نېگىرلار بىلەن ئاق تەنلىكلەردىن بولغان ئارىلاش قان سىستېمىسىدىكىلەر تەشكىل قىلىدۇ، ئاھالىنىڭ كۆپ قىسمى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئىنگلىز تىلىنى ئورتاق قوللىنىدۇ. مەركىزى رۇس شەھىرى. ئاراللارنىڭ يەر ئۈستى كۆرۈنۈشى تەكشى بولۇپ، ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى 543 مېتر كېلىدۇ. ئىقلىمى تروپىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃25، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى تەخمىنەن 1200 مىللىمېترغا يېتىدۇ. بۇ ئاراللارغا 1493 - يىلى كولومبو كەلگەن. 1666 - يىلى ئەنگلىيە تەرىپىدىن بېسىپ ئېلىنغان، 1762 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان. ئىقتىسادتا دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن ساياھەتچىلىكنى ئاساس قىلىدۇ. شېكەر قۇمۇشى، كۆكتات، مېۋە - چىۋە ئۆستۈرۈلىدۇ، بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، كان بايلىقلىرىدىن ئاھاك تېشى، مىس قاتارلىقلار بار. سانائەتتە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەشنى ئاساس قىلىدۇ، يەنە سېمونت، ھاراق ئىشلەش زاۋۇتلىرى بار. سىرتقا توڭلىتىلغان بېلىق، راك، چارۋا مەھسۇلاتلىرى، مېۋە ئېكسپورت قىلىدۇ، ئاشلىق، يېقىلغۇ ئىمپورت قىلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر