UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرپالك بوغۇزى

پالك بوغۇزى

دۇنيادىكى شەھەرلەر ھىندىستاننىڭ جەنۇبى قىسمى بىلەن سىرىلانكىنىڭ غەربىي شىمال قىسمى ئارىلىقىغا جايلاشقان بولۇپ، بېنگال قولتۇقىدىن مانار قولتۇقىغا ئۆتۈشتىكى مۇھىم سۇ يولى، ئۇزۇنلۇقى 137 كىلومېتر كېلىدۇ. ئوتتۇرىچە كەڭلىكى 64 - 137 كىلومېتر كېلىدۇ. ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 2 - 3 مېتر، ئەڭ چوڭقۇر جايى 9 مېترغا يېتىدۇ. بوغۇزدا نۇرغۇن ئۇششاق ئاراللار زەنجىرسىمان ھالەتتە سوزۇلغان. سىرىلانكىنىڭ شىمالىي دېڭىز قىرغىقىدىكى جافىنا پورتىدىن ھىندىستانىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى پورتلارغا كېلىدىغان پاراخوت، قېيىقلار پالك بوغۇزىنى بېسىپ ئۆتىدۇ. بوغۇزنىڭ سۈيى چوڭقۇر بولمىغانلىقتىن، چوڭ تىپتىكى ئوكيان پاراخوتلىرى ئۆتەلمەيدۇ. كىچىكرەك پاراخوتلار بىلەن قېيىقلار قاتناپ تۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر