UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرپىتكائىن ئارىلى

پىتكائىن ئارىلى

دۇنيادىكى شەھەرلەر تىنچ ئوكياننىڭ شەرقىي قىسمىدىكى پولنېزىيە تاقىم ئاراللىرى گۇرۇپپىسىنىڭ ئەڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئارال. بۇ ئارال جەنۇبىي كەڭلىك 130°6′ نىڭ تۇتاشقان يېرىگە جايلاشقان. بۇ ئارال ئۆز دائىرىسىگە پتكائىن ئارىلىدىن باشقا يەنە ئۈچ خادا تاشلىق ئارالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئاراللار ئىچىدە پىتكائىن ئارىلىنىڭ يەر مەيدانى 4.6 كۋادرات كىلومېتر، ئۈچ كىچىك ئارال بىلەن قوشۇلۇپ 5 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. ئاراللارنىڭ ئىقلىمى سۇبتروپىك ئىقلىم بەلبېغىغا كىرىدۇ، يىللىق ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃18-℃24، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 2000 مىللىمتېردىن ئاشىدۇ، تۇپرىقى مۇنبەت، مەركىزى ئادامستون شەھىرى. پىتكائىن ئاراللىرىدا ئولتۇراقلىق ئاھالە مۇقىم ئەمەس، 1934 - يىلى 251 كىشى بولسا، 1976 - يىلى دۆلەتتىكى چەت ئەللىك سەككىز ئوقۇتقۇچى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا 82 كىشىگە چۈشۈپ قالغان. 1790 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ <بېنت> ناملىق ھەربىي پاراخوتىدىكى 9 ئەنگلىيىلىك ماتروس يەرلىك 6 ئەر، 12 ئايالنى بىر كىچىك قېيىققا سېلىپ قېچىپ يۈرۈپ، بۇ ئارالغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ئۇلار 200 يىلغا يېقىن ئارىلىقتا بۇ ئارالدا ئىپتىدائىي تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەن. ئاھالىسى 200 دىن ئاشقان. 1839 - يىلى ئەنگلىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان، ھازىر بۇ ئاراللارنى ئەنگلىيە باشقۇرىدۇ. بۇ ئارالدا 10 كىشىدىن تەشكىللەنگەن ئاپتونوم ھۆكۈمەت بار. بۇ ھۆكۈمەت ئارالنى باشقۇرىدۇ. ئومۇمىي جەھەتتىن ئەنگلىيىنىڭ يېڭى زېلاندىيىدە تۇرۇشلۇق ۋالىيىسى بۇ ئاراللارنى باشقۇرىدۇ. بۇ ئاراللىق ھۆكۈمەت ئۆز ئالدىغا پوچتا ماركىسى باسىدۇ، چەتكە چىقىرىدۇ. ئارالدا ئولتۇراقلاشقان خەلقلەر ئىنگلىز ھەم تايىتى خەلقلىرىنىڭ ئارىلاش بىر خىل تىلىدا سۆزلىشىدۇ، خىرىتئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
پىتكائىن ئارىلى | UyghurWiki | UyghurWiki