ئېسسېن
دۇنيادىكى شەھەرلەر
گېرمانىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ غەربىي جەنۇبى قىسمىغا جايلاشقان ئەڭ مۇھىم سانائەت شەھىرى. بۇ شەھەر رور دەرياسى بىلە رېين - كرنا قانىلى ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. شەھەر ئاھالىسى 652 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئېسسېن 897 - يىلى قۇرۇلغان، ئۇ دەسلەپ كىچىك بىر قەلئە ۋە ئايال مۇناخ تۇرۇشلۇق ئورۇن بولغان. 19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ كۆمۈر، تۆمۈر بايلىقىنى ئېچىش ئاساسىدا شەكىللەنگەن. ئۇ رورد سانائەت رايونىنىڭ مۇھىم مەركىزىگە ئايلانغان. ھازىر ئۇ ھەرخىل تىپتىكى ئېغىر سانائەت ۋە ھەربىي قورال - ياراغ سانائىتى بىلەن گېرمانىيىدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇنىڭ پولات - تۆمۈر، ئايروپىلان، ئاپتوموبىل، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، ئېلېكترون، خىمىيە، كۆمۈر، كىيىم - كېچەك سانائەتلىرى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. ئېسسېن گېرمانىيە ۋە ياۋروپا بويىچە ئاتاقلىق پولات - تۆمۈر سانائەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى. بۇ جايدا نۇرغۇنلىغان سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئىش باشقۇرۇش ئورۇنلىرى بار. شەھەرنىڭ شىمالىي تەرىپىگە كۆمۈر كان رايونلىرى، غەربىگە مۇھىم سانائەت رايونلىرى، جەنۇبىغا ئورمانلىق ۋە تاغلىقلار جايلاشقان. ئېسسېن مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، شەھەرنىڭ قۇرۇقلۇق قاتنىشى بەك تەرەققىي قىلغان. شەھەر تۆمۈريول، سۇ يول، تاشيوللار ئارقىلىق ئەتراپتىكى سانائەت رايونلىرى بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ.