كۇناشىرى ئارىلى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ياپونىيىنىڭ خوككايدو ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان. شىمالىي كەڭلىك 44°5′ بىلەن شەرقىي ئۇزۇنلۇق° 146 ئارىلىقىغا توغرا كېلىدۇ. جەنۇبتا گىنىشى بوغۇزى ئارقىلىق خوككايدو ئارىلىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ، شەرقىي شىمال كوناشىرى بوغۇزى ئارقىلىق ئىتۇروپ ئارىلىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. بۇ ئارال شەرقىي شىمال - غەربىي جەنۇب يۆنىلىشىدە 100 كىلومېتىر سوزۇلىدۇ، كەڭلىكى 5-26 كىلومېتىريېتىدۇ. يەر ئۈستى تاغلىق بولۇپ، يانار تاغلار كۆپ، ساسا چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1822 مېتىر بولۇپ، ئارالنىڭ ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ جايدا 1973 - يىلى 7 - ئايدا بىر قېتىم يانار تاغ پارتلىغان. ئارالدا ئىپتىدائىي ئورمانلىقلار كۆپ، ئەتراپىدا بېلىق بايلىقى ناھايىتى مول. بۇ ئاراللاردا ئولتۇراقلاشقان خەلق ئىككىنچى دۇنائ ۇرۇشىدىن ئىلگىرى دېڭىزدىن خەيدەي ئېلىش، بېلىقچىلىق، ئورمانچىلىق، ياۋايى ھايۋانلارنى بېقىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىناتتى. بۇ ئاراللارنىڭ قاتناش ھەم ستراتېگىيە جگھەتتىكى ئەھمىيىتى ناھايىتى زور. ئارالنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى قولتۇققا غايەت زور تىپتىكى پاراخوتلار كېلىپ توختىيالايدۇ. شەرقىي قىرغىقىدىكى كوكېمېتو پورتىنىڭ سۈيى توڭلىماس پورت ھېسابلىنىدۇ. بۇ جايدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى، سۇ مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. بۇ ئارال ئەسلىدە ياپونىيىنىڭ يېرى ئىدى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ئىگىلىگەن. ھازىر ئارالدا رادار پونكىتى، دورا ئامبارلىرى، يارودرومى ۋە باشقا ھەربىي ئەسلىھەلەر بار. ياپونىيە بۇ ئاراللارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا.