UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرفرۇنزې

فرۇنزې

دۇنيادىكى شەھەرلەر سوۋېت قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى. بۇ جاي ئەسلىدە قوقان بەگلىكىگە تەئەللۇق مۇھىم بىر ئورۇن بولغان، 1878 - يىلى شەھەر بولۇپ قۇرۇلغان. 1926 - يىلىدىن ئىلگىرى <پىشپېك> دەپ ئاتالغان. شەھەر جايلاشقان چۇ دەريا ۋادىسى بىلەن قىرغىز تاغلىرىنىڭ شىمالىي ئېتىكى دېڭىز يۈزىدىن 750-900 مېتىر ئېگىز كېلىدۇ. شەھەر ئاھالىسى 603 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985). شەھەرنىڭ سانائىتى خېلى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ماشىنىسازلىق (يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، ئاپتوموبىل قوراشتۇرۇش، ئەسۋاب - ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش)، يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش (گۆش، ئۈزۈم ھارىقى)، يۇڭ توقۇمىچىلىق قاتارلىق سانائەتلەرنى ئاساس قىلىدۇ. شەھەردە قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى، نۇرغۇن ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، فرۇنزې مۇزېي قاتارلىق ئورۇنلار بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر