UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەريېڭى دېھلى

يېڭى دېھلى

دۇنيادىكى شەھەرلەر ھىندىستاننىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي مەركىزى. بۇ شەھەر 1911 - يىلدىن 1929 - يىلغىچە كونا دېھلى شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبى بىلەن جومونا دەرياسىنىڭ غەربىي تەرىپىدە سېلىنغان، 1931 - يىلى پايتەخت كونا دېھلىدىن يېڭى دېھلىغا يۆتكەپ كىلىنگەن، 1947 - يىلى ھىندىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ھىندىستاننىڭ پايتەختى قىلىپ بەلگىلەنگەن. يېڭى دېھلى بىلەن كونا دېھلى بىرلەشتۈرۈلۈپ، دېھلى شەھىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ ئىككى شەھەرنىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن 9 كىلومېتىركېلىدۇ، ھازىر بۇ ئىككى شەھەر ئەمەلىيەتتە بىرلىشىپ كەتكەن. كونا دېھلى شەھىرى جومونا دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان، ئۇ ھىندىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى مۇھىم سودا - سانائەت مەركىزى. ئۇ جايدا پاختا، يۇڭ توقۇمىچىلىق، خىمىيە، ياغاچچىلىق، مېتالچىلىق، نەشرىياتچىلىق، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى بار. بۇ جاينىڭ قول ھۈنەر مەھسۇلاتلىرى بەك داڭلىق بولۇپ، ئالتۇن، كۈمۈش، ئېسىل تاشلار، پىل چىشىدىن ياسالغان زىننەت بۇيۇملىرى ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. يېڭى دېھلى مۇھىم تۆمۈريول، تاشيول، ھاۋا يول قاتناش تۈگۈنى. بۇ جايدىن دۆلەتنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى كالكۇتتا، شىمالىدىكى ئامرىز، غەربتىكى ئەخمەد ئاباد، بومباي قاتارلىق شەھەرلەرگە بارىدىغان نۇرغۇن تارماق تۆمۈريول، تاشيوللار بار. شەھەرنىڭ يېنىدا چوڭ تىپتىكى خەلقئارا ئايرودرومى بار. دېھلى ھىندىستاننىڭ مۇھىم مەدەنىيەت مەركىزى. ئۇ جايدا قەدىمىي دەۋرلەردە سېلىنغان نۇرغۇن خان سارايلىرى، ئاتاقلىق بۇتخانا، مەسچىتلەر، قەدىمىيي قۇرۇلۇشلار، يېڭى دېھلى داشۆسى قاتارلىق نۇرغۇن ئالىي بىلىم يۇرتلىرى بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
يېڭى دېھلى | UyghurWiki | UyghurWiki