UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرتۇركىس ۋە كائىكوس تاقىم ئاراللىرى

تۇركىس ۋە كائىكوس تاقىم ئاراللىرى

دۇنيادىكى شەھەرلەر شىمالىي ئامېرىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى باھاما تاقىم ئاراللىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان، جەنۇبتىكى گايتى بىلەن بولغان ئارىلىقى 145 كىلومېتر كېلىدۇ. بۇ ئاراللار تۇركس ۋە كائىكوستىن ئىبارەت ئىككى ئاراللار گۇرۇپپىسىدىكى 30 دىن ئوشۇق ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە سەككىز ئارالغا كىشىلەر ئولتۇراقلاشقان. ئاراللارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃27، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 530-1000 مىللىمتېرغا يېتىدۇ. يەر مەيدانى 430 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ، ئاھالىسى 7436 (1980)كىشى بولۇپ، نېگىرلار %90 نى، قالغىنىنى نېگىرلار بىلەن ئاق تەنلىكلەردىن بولغان ئارىلاش قان سىستېمىسىدىكىلەر، ياۋروپالىقلار تەشكىل قىلىدۇ. ئىنگلىز تىلىنى ئورتاق قوللىنىدۇ. خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. مەركىزى كوبۇرىن شەھىرى. بۇ ئاراللار 1766 - يىلدىن باشلاپ ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان، 1799 - يىلى باھاماغا تەۋە بولغان، 1873 - يىلى يامايكانىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن، 1959 - يىلى ئىچكى ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولغان، 1962 - يىلى يامايكا مۇستەقىللىككە ئېرىشكەندىن كېيىن، بۇ ئاراللار يەنە ئەنگلىيىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇن بولغان، ھازىرمۇ ئەنگلىيە تەۋەسىدە بولۇپ، باش ۋالىينى ئەنگلىيىنىڭ ئايال پادىشاھى تەيىنلەيدۇ. بۇ ئاراللار ئىچىدىكى توركس ۋە كائىكوس ئاراللىرىدا ئا ق ش نىڭ ھەربىي بازىلىرى بار. بۇ ئاراللاردىكى خەلقلەر بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، بېلىقچىلىق، ساياھەتچىلىك، پۇل - مۇئامىلە ئىشلىرىدىن كىرىدىغان كىرىم بۇ ئاراللارنىڭ ئۈچ چوڭ ئىقتىسادىي تۈۋرۈكى ھېسابلىنىدۇ. 1983 - يىلى بۇ ئاراللارغا كەلگەن ساياھەتچىلەر 14 مىڭدىن ئاشقان. ئاراللاردا ساياھەت ئىشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان نۇرغۇن ئورۇنلار قۇرۇلغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
تۇركىس ۋە كائىكوس تاقىم ئاراللىرى | UyghurWiki | UyghurWiki