UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرۋولگا - دون لېنىن قانىلى

ۋولگا - دون لېنىن قانىلى

دۇنيادىكى شەھەرلەر بۇ قانالنى قىسقارتىپ <لېنىن قانىلى> دەپمۇ ئاتايدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى ياۋروپا قىسمىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا بولۇپ، ۋولگا دەرياسى بىلەن دون دەرياسىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. بۇ قانال غەربتە كالاچنىڭ جەنۇبىدىن باشلىنىپ، شەرقتە ۋولگاگرادنىڭ جەنۇبىغا 25 كىلومېتىر كېلىدىغان قىزىل ئارمىيە شەھىرى يېنىغىچە بارىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 101 كىلومېتىر (بۇنىڭ ئىچىدە 45 كىلومېتىرى تەبىئىي دەريا يولى ھەم سۇ ئامبىرى) كېلىدۇ، قانال لىنىيىسىنىڭ 13 يېرىدە پاراخوت ئۆتكۈزۈش ئورنى بار. لېنىن قانىلى 1948 - يىلدىن 1952 - يىلغىچە قېزىلغان بولۇپ، ۋولگا ھەم دون دەريالىرىنى، ئازوۋ دېڭىزى بىلەن قارا دېڭىز سۇ سىستېمىسىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. 5000 توننىغا يېقىن كۆتۈرۈش كۈچىگە ئىگە پاراخوتلار ئۆتەلەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
ۋولگا - دون لېنىن قانىلى | UyghurWiki | UyghurWiki