ۋېللىنگتون
دۇنيادىكى شەھەرلەر
يېڭى زېلاندىيىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، مەدەنىيەت مەركىزى، ئوكلاند پورتىدىن قالسا ئىككىنچى چوڭ پورت. 10 مىڭ توننىلىق پاراخوتلار پورت پرىستانىغا كېلەلەيدۇ. ئاھالىسى 340 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984). 1840 - يىلى قۇرۇلۇشقا باشلىغان. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا <برىتانىيە> دەپ ئاتالغان. 1865 - يىلى دۆلەتنىڭ پايتەختى ئوكلاند شەھىرىدىن بۇ شەھەرگە كۆچۈرۈپ كېلىنگەن، شەھەرنىڭ شىمالىي تەرىپىنى يېرىم ئاي شەكىلدىكى تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ. جەنۇبىدىكى كۇك بوغۇزىغا قاراپ ئېچىلىپ تۇرىدۇ. شەھەرنىڭ شىمالىي تەرىپىنى يېرىم ئاي شەكىلدىكى تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ. جەنۇبىدىكى كۇك بوغۇزىغا قاراپ ئېچىلىپ تۇرىدۇ. شەھەرنىڭ تەبىئىي پورتى نىكورشىن بۇ جايدىكى مۇھىم پورت ھېسابلىنىدۇ، ۋېللىنگتون يېڭى زېلاندىيىنىڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى، بۇ جايدىكى گۆش مەھسۇلاتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش سانائىتى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا ماشىنىسازلىق، خىمىيە، ئېلېكترون، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك قاتارلىق سانائەتلەر تەرەققىي قىلغان. بۇ جايدىن گۆش، قوي يۇڭى ئېكسپورت قىلىنىدۇ. نېفىت مەھسۇلاتى، ئاپتوموبىل، كۆمۈر قاتارلىقلار ئىمپورت قىلىنىدۇ، نېفىت مەھسۇلاتى، ئاپتوموبىل، كۆمۈر قاتارلىقلار ئىمپورت قىلىنىدۇ. شەھەردە شىمالىي ئارالنىڭ ھەرقايسى چوڭ شەھەرلىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان تۆمۈريول، تاشيول، ھاۋا يوللىرى بار، قەرەللىك ھالدا ئاۋسترالىيە، ئا ق ش، كانادا، ياۋروپا ئارىلىقىدا قاتنايدىغان ھاۋا لىنىيىلىرى بار. شەھەردە ئاتاقلىق ۋىكتورىيە داشۆسى قاتارلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، دۆلەت بويىچە ئەڭ چوڭ كۇتۇپخانا قاتارلىق ئورۇنلار، ئاتاقلىق مەيدانلار، دەم ئېلىش، ساياھەت قىلىش ئورۇنلىرى بار. شەھەرنىڭ ھاۋاسى يىللىق، مەنزىرىسى گۈزەل.