UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرۋيېنتيان

ۋيېنتيان

دۇنيادىكى شەھەرلەر لائوسنىڭ پايتەختى، ۋيېنتىيان ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى. بۇ شەھەر ئولاسنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ۋيېنتىيان تۈزلەڭلىكىنىڭ جەنۇبىغا، مېكونگ دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىگە جايلاشقان. شەھەر ئاھالىسى 337 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985). ۋيېنتىيان لائوسنىڭ ئەڭ قەدىمىي شەھىرى بولۇپ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 4 - ئەسىردە قۇرۇلۇشقا باشلىغان. كېيىن بىرنەچچە قېتىم پايتەخت بولغان. ۋيېنتىيان لائوسنىڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى، بۇ جاي 17 -، 18 - ئەسىرلەردىلا مۇھىم سودا مەركىزى بولغان، ھازىر پۈتۈن لائوستىكى زاۋۇت، فابرىكىلارنىڭ 4/3 قىسمى مۇشۇ شەھەرگە مەركەزلەشكەن. شەھەردە ياغاچچىلىق، خىش زاۋۇتى، توقۇمىچىلىق، سەرەڭگە، سوپۇن، نەققاشچىلىق قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. ۋيېنتىيان شەھىرىدە مەشھۇر بۇتخانىلار، ئاتاقلىق بۇت مۇنارلىرى، شەھەرنىڭ يېنىدا ئاتاقلىق خەلقئارا ئايرودرومى بار. 13 - نومۇرلۇق تاشيول شەھەرنى كېسىپ ئۆتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
ۋيېنتيان | UyghurWiki | UyghurWiki