UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرتويوتا

تويوتا

دۇنيادىكى شەھەرلەر ياپونىيىنىڭ خونسىيو ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىدىكى ئايچى ناھىيىسى تەۋەسىگە جايلاشقان شەھەر، ياپونىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل سانائەت مەركىزى، ياپونىيىنىڭ <ئاپتوموبىل پايتەختى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تويوتا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى ئارانلا 20 مىڭ ئاھالىسى بار شەھەر ئىدى، كېيىن ئاپتوموبىل سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ شەھەر كېڭەيدى، ئاھالىسىمۇ كۆپىيىپ 283 مىڭدىن ئاشتى (1981). بۇ شەھەردىكى ئاپتوموبىل زاۋۇتى 1938 - يىلى قۇرۇلغان. ھازىر ياپونىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل سانائەت مەركىزىگە ئايلاندى. ھازىر پۈتۈن شەھەردىكى ئاپتوموبىل سانائەت كارخانلىرى پۈتۈن شەھەردىكى زاۋۇتلارنىڭ 4/1 نى تەشكىل قىلىدۇ، سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ %80 تى ئاپتوموبىل سانائىتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك سانائەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەيدۇ. پۈتۈن شەھەردىكى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %92 ىنى ئاپتوموبىل سانائىتى تەشكىل قىلىدۇ. تويوتا دۇنيادا ئا ق ش نىڭ <تۇڭيۇڭ> ئاپتوموبىل شىركىتىدىن قالسا چوڭلۇقى جەھەتتە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ھازىر ئىشلەپچىقىرىۋاتقان ئاپتوموبىل پۈتۈن ياپونىيە ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان ئاپتوموبىلنىڭ 3/1 نى تەشكىل قىلىدۇ (ياپونييە 1981 - يىلى 11 مىليون 180 مىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغان). تويوتا ئاپتوموبىل زاۋۇتلىرىدا ئىشلەپچىقىرىلغان <تويوتا> ماركىلىق ئاپتوموبىل دۇنيانىڭ ھەممىلا يەرلىرىدە قاتناپ يۈرمەكتە.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
تويوتا | UyghurWiki | UyghurWiki