ياقۇت ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رۇس فېدېراتسىيسىدىكى مەيدانى ئەڭ چوڭ بىر مەمۇرىي رايونى. شىمالدا شىمالىي مۇز ئوكياننىڭ لاپتىۋىخ ھەم شەرقىي سىبىرىيە دېڭىز سۈيى بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. مەيدانى 3 مىليون 103 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ. ئاھالىسى 984 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985). ياقۇتلار بىلەن رۇسلارنى ئاساس قىلىدۇ. يېرىنىڭ 3/2 قىسمىنى تاغلىقلار ئىگىلەيدۇ. لېنا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنى بىلەن شىمالىي مۇز ئوكيان قىرغاقلىرىغا تۈزلەڭلىكلەر جايلاشقان. بۇ جايدا ئولېنوك، لېنا، يانا، ئىندىگىركا قاتارلىق مۇھىم دەريالار بار.% 40 يېرى قۇتۇپ چەمبىرى ئىچىگە جايلاشقان. ھاۋاسى سوغۇق، ماتېرىك خاراكتېرلىك كۈچلۈك، 1 - ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى℃34 - - -℃50 قا ۈشىدۇ. بۇ رايوندىكى ۋېرخويانسكى بىلەن ئويمياكون شەھەرلىرى شىمالىي يېرىم شارنىڭ <سوغۇق قۇتۇپى> دەپ ئاتىلىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 140-280 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. بۇ جايغا دائىم توڭلاپ تۇرىدىغان بەلباغلار بىلەن توڭ تۇپراقلىق بەلباغلار كەڭ تارقالغان. ئورمانلار پۈتۈن يېرىنىڭ % 50 تىن كۆپرەكىنى قاپلاپ تۇرىدۇ، ئالماس، ئالتۇن، يۈنمۇ، تۆمۈر، كۆمۈر، تەبىئىي گاز، قەلەي، ۋولفرام قاتارلىق كان بايلىقلىرى ناھايىتى مول. ياقۇت ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى 1922 - يىلى قۇرۇلغان. سانائەتتە كان سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. ئالماس مەھسۇلاتىدا سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. لاتۇن مەھسۇلاتى پۈتۈن سوۋېت ئالتۇن مەھسۇلاتىنىڭ %20 نى تەشكىل قىلىدۇ. ئورمان كېسىش، بېلىق مەھسۇلاتىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، قۇرۇلۇش - بىناكارلىق قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرىمۇ بار. چارۋىچىلىقىدا ئاساسەن بۇغا، كالا بېقىلىدۇ. ئاھالىنىڭ بىر قىسمى ئوۋچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، مۇھىم شەھەرلىرى ياقۇتسكى ھەم مىرىنلاردىن ئىبارەت.