UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرئىستانبۇل

ئىستانبۇل

دۇنيادىكى شەھەرلەر تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى، ئۇ دۇنيا بويىچە بىردىنبىر ئىككى قىتئەگە بۆلۈنگەنشەھەر، ئۇنىڭ شەرقىي قىسمى ئاسىيا قىتئەسىگە، غەربىي قىسمى ياۋروپا قىتئەسىگە تەۋە بولۇپ، بۇ ئىككى قىسمىنى بوسفور بوغۇزى ئايرىپ تۇرىدۇ. شەھەرنىڭ ستراتېگىيە ۋە قاتنش جەھەتتىكى ئەھمىيىتى ئىنتايىن مۇھىم، 1973 - يىلىدىن بۇرۇن شەھەرنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى قاتناش ئااسەن پاراخوت ھەم قېيىقلار ئارقىلىق بولاتتى. 1973 - يىلى شەھەرنىڭ ئىككى قىسمىنى تۇتاشتۇرىدىغان چوڭ ئاسما تۆمۈر كۆۋرۈك سېلىندى. ئىستانبول تۈركىيىنىڭ ئەڭ قەدىمىي شەھىرى. شەھەر ئاھالىسى 4 مىليون 800 مىڭدىن ئاشىدۇ (1981)، ئۇ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 660 - يىلى شەھەر بولۇپ قۇرۇلۇپ، ۋىزانتىيە دەپ ئاتالغان. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 324 - يىللارغا كەلگەندە شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ مەركىزى بولغان. شەھەرنىڭ نامى <كونىستانتىنوپول> دەپ ئاتالغان. رىم ئىمپېرىيىسى تارماقر بولغاندىن كېيىن ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ مەركىزى بولغان. 1453 - يىلى تۈكر سۇلتانلىقى مۇھەممەت Ⅱ ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنى تارمار قىلغاندىن كېيىن ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى قىلىپ ئىستانبۇلغا ئۆزگەرتىلگەن. ئىستانبۇل مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 324 - يىلدىن 1923 - يىلىغىچە بىرقانچە ئىمپېرىيىلەرنىڭ پايتەختى بولغان. شەھەردە قەدىمىي ئاسار - ئەتىقە ئورۇنلىرى، مەشھۇر قەدىمىي قۇرۇلۇشلار ناھايىتى كۆپ. ھازىر پۈتۈن شەھەردە 700 دىن ئوشۇق مەسچىت بار. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭ، ئەر كۆركەم مەسچىت 1616 - يىلى سېلىنغان. ئىستانبول تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ زامانىۋى سانائەت ھەم مەدەنىيەت مەركىزى، شەھەرنىڭ توقۇمىچىلىق، ماشىنىسازلىق، تاماكا، كېمىسازلىق، يېمەك - ئىچمەك، ئەينەك ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق سانائەتلىرى تەرەققىي قىلغان. ئىستانبولدىكى ئىشچىلار پۈتۈن دۆلەتتىكى ئىشچىلارنىڭ %50 نى، ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى پۈتۈن دۆلەتتىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %51.5 نى تەشكىل قىلىدۇي. ئىستانبۇل پورتى ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىنىدىغان ماللار پۈتۈن دۆلەتتىكى ئېكسپورت قىلىنىدىغان ماللارنىڭ% 50 نى، ئىمپورتىنىڭ% 15 نى تەشكىل قىلىدۇ. ئىستانبول شەھىرىدە 34 ئالىي بىلىم يۇرتى، ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرى، ھەرخىل نەشرىيات ئورۇنلىرى جايلاشقان بولۇپ، تۈركىيىنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت - ئاخبارات مەركىزى شەكىللەنگەن. ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا قاتنىشى تەرەققىي قىلغان. ئۇ جايدىكى بىرىنچى يەر ئاستى تۆمۈريولى 1875 - يىلى سېلىنغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر