UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرمونتېۋىدېئو

مونتېۋىدېئو

دۇنيادىكى شەھەرلەر ئۇرۇگۋاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي ۋە قاتناش مەركىزى، ئەڭ چڭو شەھىرى. بۇ شەھەر لاپلاتا دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئاغزىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان. بۇ جاي 1717 - يىلى كىچىك بىر ئورۇن بولۇپ، 1726 - يىلى شەھەر بولۇپ قۇرۇلغان. 1828 - يىلى پايتەخت قىلىپ بېكىتىلگەن. ھازىر ئۇ، جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى مۇھىم شەھەرلەرنىڭ بىرى، شەھەر ئاھالىسى بىر مىليون 300 مىڭدىن ئوشۇق بولۇپ، پۈتۈن دۆلەت ئاھالىسىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ. مونتېۋىدېئو ئۇرۇگۋاينىڭ ئەڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى، ئۇ جايغا پۈتۈن دۆلەتتىكى پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش سانائەت ئورۇنلىرىنىڭ 4/3 قىسمى توپلانغان، شەھەردە يېمەك - ئىچمەك، توقۇمىچىلىق، كۆن - خۇرۇم، سېمونت، خىمىيە، نېفىت ئايرىش قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. مونتېۋىدېئو ئاتاقلىق پورت، پۈتۈن دۆلەتنىڭ ئېكسپورت - ئىمپورت قىلىنىدىغان ماللارنىڭ %90 تى مۇشۇ پورت ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. شەھەرنىڭ قۇرۇلۇشى زامانىۋى، مەنزىرىسى گۈزەل بولۇپ، نۇرغۇنلىغان مەيدانلار، باغچىلار، 1849 - يىلى قۇرۇلغان يۇقىرى دەرجىلىك بىلىم يۇرتلىرى، 1795 - يىلى سېلىنغان ھەيۋەتلىك تىياتىرخانىلار، 1837 - يىلى قۇرۇلغان تەبىئەت مۇزېي ۋە باشقا مەشھۇر ئورۇنلار بار. دېڭىز قىرغاق رايونلىرىدا سۇغا چۆمۈلۈش، داۋالىنىش، ساياھەت قىلىش ئورۇنلىرى بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر