UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرۋېنېتسىيە

ۋېنېتسىيە

دۇنيادىكى شەھەرلەر ئىتالىيىنىڭ شەرقىي شىمالىغا، ئادرىياتىك دېڭىزغا تەۋە ۋېنېتسىيە قولتۇقىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان مۇھىم پورت، ئىتالىيىنىڭ مۇھىم سانائەت ۋە سودا مەركەزلىرىنىڭ بىرى. ئاھالىسى 362 مىڭدىن ئاشىدۇ، ۋېنېتسىيە قۇرۇقلۇقتىن 4 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى دېڭىز تېيىزلىكىدىكى 118 ئارال ئۈستىگە جايلاشقان شەھەر، ئۇنى 117 سۇ يولى، 450 دىن ئوشۇق كۆۋرۈك بىر - بىرىگە باغلاپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئۇ <سۇدىكى پايتەخت> دەپ ئاتىلىدۇ، ۋېنېتسىيە شەھىرىگە مىلادىيە 5 - ئەسىردە بالقان يېرىم ئارىلىدىن قاچقان بىر قىسىم خەلقلەر كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. 6 - ئەسىردە ۋېنېتسىيە شەھىرى سېلىنغان. شەھەرنىڭ نامى لاتىن تىلىدا <ۋېنېتيە> دەپ ئاتالغان، ھازىرقى ۋېنېتسىيە دېگەن نام بۇرۇنقى ۋېنېيەنىڭ ئۆزگەرگەن شەكلى. ۋېنېتسىيە شەھىرى 10 - ئەسىرگە كەلگەندە شەھەرلىك جۇمھۇرىيەت بولۇپ قۇرۇلغان. ئوتتۇرا ئەسىردە يەر ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى ئەڭ ئاۋات سودا مەركىزىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. شىمالىي ھەم جەنۇبىي ئامېرىكىغا بارىدىغان يېڭى سۇ قاتناش يولى ئېچىلغاندىن كېيىن، ۋېنېتسىيىنىڭ بۇرۇنقى يولى تەدرىجىي تۆۋەنلىگەن. 1866 - يىلى ئىتالىيە پادىشاھلىقى تەركىبىگە قوشۇلغان. ھازىر ئۇ ئىتالىيىنىڭ مۇھىم سودا - سانائەت، ساياھەت مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ جاينىڭ رەڭلىك مېتاللۇرگىيە، كېمىسازلىق، نېفىت ئايرىش، خىمىيە، توقۇمىچىلىق، ئەينەك ۋە ھەرخىل ئېسلى قول ھۈنەرۋەنچىلىكى تەرەققىي قىلغان. ۋېنېتسىيە شەھىرىنىڭ يېنىدىكى مارگېرا پورتى ئاتاقلىق ھەم پاساژىر پورتى ھېسابلىنىدۇ. ۋېنېتسىيە ئىتالىيىنىڭ مۇھىم ساياھەت مەركىزى، شەھەردە قەدىمىي ئەۋلىيا مارك مەيدانى ۋە باش ۋالىي مەھكىمىسى، سائەت بىناسى، چوڭ چېركاۋلار، ھەيۋەتلىك مېھمانخانىلار، سودا سارايلىرى ۋە باشقا دەم ئېلىش، ساياھەت قىلىش ئورۇنلىرى بار. شەھەرنىڭ دېڭىز قىرغاق رايونلىرىدا ناھايىتى كۆپ ھەيۋەتلىك مېھمانخانىلار، سۇ ئۈزۈش مەيدانلىرى ياسالغان. شەھەرنىڭ قاتناش - ترانسىپورتى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، سۇ قاتنىشىنى ئاساس قىلىدۇ. شەھەر ئىچىدە قاتنايدىغان ماشىنا يوق، پۈتۈنلەي كىچىك قېيىقلار ئارقىلىق بېرىش - كېلىش قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر