UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرئۆلۈم ۋادىسى

ئۆلۈم ۋادىسى

دۇنيادىكى شەھەرلەر ئا ق ش نىڭ غەربىدىكى سېررانىۋادا تېغىنىڭ شەرقىدىكى غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا سوزۇلغان ئۈزۈلمە ۋادا. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 225 كۋادرات كىلومېتىر، كەڭلىكى 6 كىلومېتىردىن 26 كىلومېتىرغىچە كېلىدۇ. ئۇنىڭ دېڭىز يۈزىدىن پەس بولغان مەيدانى 1408 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئەڭ پەس جايى دېڭىز يۈزىدىن 85 مېتىر تۆۋەن تۇرىدۇ. ئۇ، ئامېرىكا قىتئەسى بويىچە ئەڭ پەس جاي ھېسابلىنىدۇ. بۇ ۋادىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئاماراگوسا تېغى بىلەن پانامنت تېغى بەك تىك كېلىدۇ، بۇ جاي ئۆز ۋاقتىدا 4 - دەۋر مۇزلۇقلىرىنىڭ ئېرىشى بىلەن بىر چوڭ كۆل بولۇپ شەكىللەنگەن. كېيىن بۇ جاينىڭ سۈيى پارغا ئايلىنىپ، ھازىرقى قۇرغاق جىلغا شەكىللەنگەن. بۇ جاينىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃56.7 قا يەتكەن (1913 - يىلى 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى)، ھۆل - يېغىنى 100 مىللىمېتىرغا يەتمەيدۇ. بۇ جايغا 1849 - يىلى ئالتۇن ئىزدەش ئۈچۈن 49 كىشى كەلگەن، ئۇلار بۇ جىلغىدا يۈرۈپ ئۇسساپ بىر قىسىم ئادەملىرىدىن ئايرىلغان، شۇڭا بۇ جىلغىغا <ئۆلۈم ۋادىسى> دەپ نام بەرگەن.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر