گىلگت
دۇنيادىكى شەھەرلەر
جەنۇبىي ئاسىيادىكى كەشمىرنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان شەھەر. ھازىر كەشمىرنىڭ پاكىستان ئىگىلەپ تۇرغان قىسمىغا توغرا كېلىدۇ، بۇ شەھەر گىلگت دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 1454 مېتىر ئېگىز كېلىدۇ. ئاھالىسى 7000 دىن ئاشىدۇ، بۇ جاي ئۆتمۈشتە بۇددا دىنىنىڭ مەركىزى بولغان. ھازىر كەشمىرنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى مۇھىم ئىقتىسادىي، قاتناش، سودا مەركىزى. شەھەردىن شەرقىي شىمالغا قاراپ يۈرسە خونزا دەريا ۋادىسىدىن ئۆتۈپ، جۇڭگو - پاكىستان چېگرىسىدىكى مىنتىگەي تاغ ئېغىزى ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ شىنجاڭ رايونىغا كىرگىلى بولىدۇ. غەربىي جەنۇبقا قاراپ يۈرسە، ھىندى دەريا ۋادىسى ئارقىلىق چىلاس، تاكۇتلارغا بارغىلى بولىدۇ. گىلگت شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا بۇغداي، كۆممىقوناق، ئارپا قاتارلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ئۆستۈرۈلىدۇ.