UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرپرېتورىيە

پرېتورىيە

دۇنيادىكى شەھەرلەر جەنۇبىي ئافرىقا (ئازانىيە) نىڭ مەركىزى، شۇنداقلا ترانسىۋال ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى شەھىرى. شەھەر لىمپوپو دەرياسىنىڭ تارمىقى بولغان ئاپئېس دەرياسىنىڭ ئىككى ياقىسىغا جايلاشقا. شەھەر دېڭىز يۈزىدىن 1378 مېتر ئېگىز تۇرىدۇ. ئاھالىسى 758 مىڭدىن ئاشىدۇ (1981). بۇ شەھەرنىڭ نامى 1885 - يىلى شۇ شەھەرنى سالدۇرغان بىرىنچى زۇڭتۇڭ ماتنوس - ۋىسى - پرېتورىئوس لارنىڭ نامىغا بېرىلگەن. ئاندرېس - پرېتورىئوس بولسا بۇ جايغا بېسىپ كېرىپ ئولتۇراقلاشقان گوللاندىيىلىكلەرنىڭ كېيىنكى ئەۋلادى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ 1838 - يىلى تاجاۋۇزچى ئەسكەرلەرگە رەھبەرلىك قىلىپ كېپتاۋوندىن شىمالغا قاراپ پرېتورىيە ئەتراپلىرىنى ئىگىلەپ ترانسىۋال جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. پرېتورىيە جەنۇبىي ئافرىقا بويىچە سانائىتى تەرەققىي قىلغان شەھەرلەرنىڭ بىرى. بۇ جايدا چوڭ تىپتىكى پولات زاۋۇتى، ماشىنىسازلىق زاۋۇتى، خىمىيە سانائىتى، توقۇمىچىلىق، ئوغۇت سانائىتى، قەغەز سانائىتى، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەتلەر تەرەققىي قىلغان. شەھەر ئەتراپىدا ئالماس، پىلاتنا، ئالتۇن، خروم، تۆمۈر قاتارلىق كان بايلىقلىرى ناھايىتى مول.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر