ۋايگاچ ئارىلى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
شىمالىي مۇز ئوكياندىكى ئارال. مەمۇرىي جەھەتتىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارخانگېلسكى ئوبلاستىغا قارايدۇ. چوڭ قۇرۇقلۇقتىن يۇگورسكى شار بوغۇزى بىلەن يېڭى يەر ئارىلىدىن كارا دەرۋازىلىرى ناملىق بوغۇز ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ. مەيدانى 34 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ ئارالنىڭ يەر ئۈستى ھاك تاشلىق جىنسلاردىن تۈزۈلگەن. دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 100 مېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. يەر ئۈستىنى سازلىقلار بىلەن ئۇششاق كۆللەر قاپلاپ تۇرىدۇ. ئارالنىڭ نامى 16 - ئەسىردە شۇ ئارالنى تاپقان روسىيىلىك ۋايگاچ دېگەن كىشىنىڭ نامىغا بېرىلگەن.