موگادىشو
دۇنيادىكى شەھەرلەر
سومالى دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە دىنىي مەركىزى، ئەڭ چوڭ پورتى. شەھەر ئاھالىسى 800 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984)، سومالى بويىچە ئەڭ چوڭ شەھەر ھېسابلىنىدۇ. موگادىشو سومالىنىڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى. بۇ جايغا توپلانغان سانائەت ئورۇنلىرى پۈتۈن دۆلەتتىكى سانائەتنىڭ 4/3 قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئەڭ ئاساسىي سانائەت تارمىقى گۆش مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىدىن ئىبارەت. بۇ خىل سانائەتنىڭ كۆلىمى چوڭ بولۇپ، سومالى سانائەت تارماقلىرى ئىچىدە ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تاماكا، سەرەڭگە، سۈت پاراشوكى زاۋۇتى، رەخت توقۇش، كۆن - خۇرۇم، ماشىنا رېمونت قىلىش، ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، سېمونت، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. موگادىشو شەھىرىدە يەنە خەلقئارا ئايرودرومى، كونا تارىخىي ئورۇنلار، 150 تىن ئوشۇق مەسچىت، قەھرىمانلار خاتىرە مۇنارىسى قاتارلىق تارىخىي ئورۇنلار بار.