UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرفلورىدا تاقىم ئاراللىرى

فلورىدا تاقىم ئاراللىرى

دۇنيادىكى شەھەرلەر ئا ق ش نىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى فلورىدا يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدكى ئاراللارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئاراللار كېلارگو ئارىلىدىن غەربىي جەنۇبقا قاراپ زەنجىرسىمان سوزۇلغان ئاراللارنىڭ ئومۇمىي نامىدىن ئىبارەت. بۇ ئاراللار مارجان رىفلىرىدىن تۈزۈلگەن. يېرىم ئارالدىكى خومېستېدىن تارتىپ تاقىم ئاراللارنىڭ ئەڭ غەربىي جەنۇبىدىكى كېۋېست ئارىلىغىچە بولغان ئاراللارنىڭ ئارىلىقى كۆۋرۈك ئارقىلىق بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 11 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاراللار ئۈستىگە كۆۋرۈكلەر بىلەن قوشۇلۇپ، دېڭىز ئۈستى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللىرى سېلىنغان. ئا ق ش نىڭ مېئامې شەھىرىدىن ماشىنا بىلەن كېۋېست شەھىرىگە بارغىلى بولىدۇ. بۇ جاي ئا ق ش نىڭ مۇھىم ساياھەت رايونلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئاراللاردا ياز، كۈز پەسىللىرىدە قارا بوران كۆپ چىقىپ تۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر