بوستون
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئا ق ش نىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ماسساچوسېتس شتاتىنىڭ مەركىزى، يېڭى ئەنگلىيە رايونىدىكى ئەڭ چوڭ پورت شەھىرى. بۇ شەھەر چارلېس، مىستى دەريالىرىنىڭ بوستون قولتۇقىغا قۇيۇلۇش ئاغزىغا جايلاشقان. شەھەر ئاھالىسى شەھەر رايونى بىلەن قوشۇلۇپ 3 مىليون 898 مىڭدىن ئاشىدۇ (1980). بوستون ئا ق ش نىڭ ئەڭ قەدىمىي پورت شەھەرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، 1630 - يىلى قۇرۇلغان. ئۆز ۋاقتىدا ئەنگلىيىگە قارشى پائالىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان. كونىشەھەر قىسمى ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئەنگلىيە قۇرۇلۇش بىناكارلىق ئۇسلۇبى بويىچە سېلىنغان. پورتنىڭ كۆلىمى چوڭ، سۈيى چوڭقۇر بولۇپ، قىشتا سۈيى مۇزلىمايدۇ. ياۋروپا بىلەن بولغان ئارىلىقى ئەڭ يېقىن تۇرىدۇ. ئۈچ تارماق تۆمۈريول ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئىچكى قىسملىرى بىلەن باغلىنىدۇ. بۇ جەھەتتىن ئالغاندا نيۇيورك بىلەن رىقابەتلىشىدۇ، ھازىر يېڭى ئەنگلىيىنىڭ مۇھىم پۇل - مۇئامىلە، سودا - سانائەت مەركىزى، ئاتاقلىق بېلىقچىلىق ھەم قوي يۇڭى سودا بازىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۆز ۋاقتىدا ئۇنىڭ يۇڭ توقۇمىچىلىق، تېرە - ىۇرۇم، ئاياغ كىيىم، كېمىسازلىق سانائەتلىرى خېلى تەرەققىي قىلغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن يېڭىدىن ئېلېتكرونلۇق ھېسابلاش ماشىنىسى سانائىتى، ئېلېكترون ئۈسكۈنىلىرى سانائىتى، سۇلياۋ، خىمىيە قاتارلىق ھەرخىل سانائەتلىرى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان.