UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرتېل ئاۋىۋ - جافغا

تېل ئاۋىۋ - جافغا

دۇنيادىكى شەھەرلەر پەلەستىننىڭ يەر ئوتتۇرا دېڭىز قىرغىقىدىكى ئەڭ چوڭ سودا - سانائەت مەركىزى، مۇھىم پورت شەھىرى (ھازىر ئىسرائىلىيىنىڭ كونتروللۇقىدا). شەھەر شىمالدا يارگون دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىن جەنۇبىي جافغا قولتۇقىغا سوزۇلىدۇ. شەھەرنىڭ مەيدانى 50 كۋادرات كىلومېتر، ئاھالىسى 396 مىڭدىن ئاشىدۇ. شەھەر يېنىدىكى جاففا 3000 يىللىق تارىخقا ئىگە قەدىمىي پورت شەھىرى. تېل ئاۋىۋ ئەسلى 1909 - يىلى قۇرۇلغان يەھۇدىلار مەھەللىسى بولۇپ، كېيىن تېز تەرەققىي قىلىپ 1950 - يىلى جەنۇبىدىكى جافا بىلەن بىرلەشتى. 1965 - يىلى تېل ئاۋىۋ شەھىرىنىڭ جەنۇبىدا ئاشىدۇد پورتى قۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن جاففا پورتى ئىشتىن توختىدى. ھازىر ئاشىدود پورتى پەلەستىن بويىچە ئىككىنچى چوڭ پورتقا ئايلاندى. تېل ئاۋىۋ شەھىرى يېنىك سانائەتنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ جايدا توقۇمىچىلىق، ئىلمە توقۇلما، يېمەك - ئىمچەك، تاماكا، خىمىيىۋى دورا قاتارلىق سانائەتلەر تەرەققىي قىلغان. تېل ئاۋىۋ - جاففانىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرچىلەر پەلەستىن بويىچە دائىرىسى ئەڭ چوڭ، سانائىتى ئەڭ تەرەققىي قىلغان شەھەر توپىغا ئايلاندى. بۇ شەھەر توپىنىڭ مەيدانى 300 كۋادرات كىلومېترغا يېتىدۇ، ئاھالىسى بىر مىليوندىن ئاشىدۇ، بۇ جايغا پۈتۈن پەلەستىن سانائىتىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى توپلانغان بولۇپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، مېتالچىلىق، ترانسپورت قوراللىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، ھەرخىل ئائىلە جازلىرىنى ياساش، نەشرىياتچىلىق، ئېلېكترون قاتارلىق سانائەتلەر تەرەققىي قىلغان. تېل ئاۋىۋنىڭ ئەتراپىدىكى لىددا، راملار، رىخوۋوت شەھەرچىلىرى ئەمەلىيەتتە تېل ئاۋىۋ - جاففا شەھەر رايونىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندى. بۇ چوڭ شەھەر رايونى پەلەستىن بويىچە دائىرىسى ئەڭ كەڭ، ئاھالىسى ئەڭ كۆپ، سانائەت تەرەققىيات سەۋىيىسى ئەڭ يۇقرى بىر رايونى ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر