كاراكاس
دۇنيادىكى شەھەرلەر
جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان ۋېنېسۇئېلا جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى. دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى. بۇ شەھەر دېڭىز قىرغاق تاغ تىزمىلىرىنىڭ كاراكاس ۋادىسىغا، ئاۋىلا تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان. كاراكاس شەھىرى بىلەن ئۇنىڭ سىرتقى پورتى لاگوئايرانىڭ ئارىلىقى 11 كىلومېتىر كېلىدۇ. كاراكاس شەھىرىنىڭ ئاھالىسى 4 مىليون 237 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984)، بۇ شەھەر ۋېنېسۇئېلانىڭ ئەڭ چوڭ سانائەت ھەم يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش رايونى بولۇپ، يېمەك - ئىچمەك، توقۇمىچىلىق، خىمىيە، مېتاللۇرگىيە، ئاپتوموبىل قۇراشتۇرۇش، قۇرۇلۇش، بىناكارلىق قاتارلىق سانائەتلەرنى ئاساس قىلىدۇ. شەھەرنىڭ ئەتراپىدا يېزا ئىگىلىك تەرەققىي قىلغان. كاراكاس شەھىرىنىڭ قۇرۇلۇشى زامانىۋى، شەھەردە ئاتاقلىق مەيدانلار، باغچىلار، مۇزېيلار، 1721 - يىلى قۇرۇلغان ۋېنېسۇئېلا مەركىزىي داشۆسى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەر، خەلقئارا ئايرودرومى قاتارلىق ئورۇنلار بار.