شكودېر كۆلى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
بالقان يېرىم ئارىلىدىكى ئالبانىيە بىلەن يۇگوسلاۋىيە چېگرىسىغا جايلاشقان ئەڭ چوڭ كۆل بۇ كۆل ئەسلى دېڭىز ياقىسىدىكى تېيىز كۆل بولۇپ، كېيىن كۆل رايونى چۆكۈپ كېتىپ شەكىللەنگەن. كۆل بىلەن ئادرىئاتىك دېڭىزىنىڭ ئارىلىقى 12 كىلومېتىر كېلىدۇ، سۇ يۈزى دېڭىز يۈزىدىن 12 مېتىر كېلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 40 كىلومېتىر، كەڭلىكى 6.4-12 كىلومېتىر كېلىدۇ. مەيدانى 370 كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ (بۇنىڭ 222 كۋادرات كىلومتىر يېرى يۇگوسلاۋىيىگە تەۋە). كۆل دەريا سۈيى ھەم ئاز مىقداردىكى يەر ئاستى سۈيى بىلەن تەمىنلىنىدۇ. قىش پەسلى سۈيى ئۇلغىيىپ مەيدانى 3/1 ھەسسە كېڭىيىدۇ، كۆل سۈيى بونې دەرياسى ئارقىلىق ئادرىئاتىك دېڭىزىغا قۇيۇلىدۇ. كۆلدىن بېلىق تۇتۇلىدۇ، قاتناش قىلىشقا بولىدۇ، كۆل بويىدا سىگودېر (ئالبانىيە)، ۋىر پازار (يۇگوسلاۋىيە) قاتارلىق شەھەرلەر بار.