UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەركامران قولتۇقى

كامران قولتۇقى

دۇنيادىكى شەھەرلەر ۋېيتىنامنىڭ شەرقىي جگنۇبى قىسمىدىكى مۇھىم ھەربىي پورتى. ئاھالىسى 118 مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇ قولتۇق قۇرۇقلۇققا 17 كىلومېتىر ئىچكىرىلەپ كىرگەن بولۇپ، شىمالىدىكى كامران يېرىم ئارىلى بىلەن جەنۇبىدىكى يەنە بىر يېرىم ئارال خۇددى چوڭ ئامبۇر شەكلىدە ئىككى تەرەپتىن قولتۇقنى قورشاپ تۇرىدۇ. كامران قولتۇقى ئەڭ مۇھىم ستراتېگىيىلىك ئورۇن، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدى - كەينىدە ئا ق ش بۇ جايدا چوڭ تىپتىكى دېڭىز، ھاۋا ئارمىيە بازىلىرى، زامانىۋى خەۋەرلىشىش ئورۇنلىرى، نۇرغۇن ھەربىي قۇرۇلۇشلارنى قىلىپ پايدىلانغان. بۇ ئورۇن ئۆز ۋاقتىدا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى مۇھىم دېڭىز، ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا ئايلانغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر