ئاندامان - نىكوبار ئاراللىراى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
بېنگال قولتۇقى بىلەن ئاندامان دېڭىز ئارىلىقىغا جايلاشقان شىمال - جەنۇب يۆنىلىشىدە سوزۇلغان ئاراللارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئاراللار ئىككى چوڭ گۇرۇپپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ بىرى، ئاندامان گۇرۇپپىسى، بۇ شىمالىي قىسىمغا جايلاشقان بولۇپ، شىمالىي ئاندامان 204 كىچىك ئارالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئاراللارنىڭ يەر مەيدانى 6461 كۋادرات كىلومېتر، ئاھالىسى 90 مىڭدىىن ئاشىدۇ. شىمالدىن جەنۇبقا 467 كىلومېتر ئۇزۇنلۇقتا سوزۇلۇپ تۇرىدۇ. يەنە بىرى، جەنۇبىي قىسىمغا جايلاشقان نىكوبار ئاراللار گۇرۇپپىسى — بۇ چوڭ - كىچىك 18 ئارالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە 11 ئارالغا كىشىلەر ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي يەر مەيدانى 1831 كۋادرات كىلومېتر، ئاھالىسى 22 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئاندامان — نىكوبار ئاراللىرى مەمۇرىي جەھەتتىن ھىندىستانغا بىۋاسىتە قاراشلىق رايون ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئاراللار بىلەن ھىندىستان قۇرۇقلۇقىنىڭ ئارىلىقى 1200 كىلومېتر، ھىندۇنېزىيىنىڭ سوماترا ئارىلى بىلەن بولغان ئارىلىقى 160 كىلومېتر، بېرما دېڭىز قىرغاق رايونلىرى بىلەن بولغان ئارىلى 200 كىلومېتر كېلىدۇ. ئاندامان — نىكوبار ئاراللىرى تروپىك بەلباغقا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن، ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يىل بويى يۇقىرى بولىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 2000 مىللىمېتردىن ئاشىدۇ. شۇڭا بۇ ئاراللار ياپيېشىل ئورمان، ئوت - چۆپلەر بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى % 86 گە يېتىدۇ. ئاندامان —نىكوبار ئاراللىرى ئەسلىدە يەرلىك قارا تەنلىك ئاندامان خەلقلىرى ئولتۇراقلاشقان جاي بولۇپ، كېيىن ھىندىستانلىقلار كۆچۆپ كەلگەن. 1789 - يىلى ئەنگلىيە بۇ ئاراللارنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، يەرلىك خەلقلەرنى دەھشەتلىك قىرغىنچىلىق قىلغان، شۇڭا ھازىر يەرلىك خەلقلەر ئازىيىپ بىرنەچچە يۈزلا كىشى قالغان. ئەنگلىيە بۇجاينى ئىگىلىگەندىن كېيىن، سىياسىي جىنايەتچىلەرنى سۈرگۈن قىلىدىغان مەيدانغا ئايلاندۇرغان. 1824 - يىلى ئەنگلىيە بېرمىغا تاجاۋۇز قىلىدىغان ۋاقىتتا، ئەنگلىيىنىڭ مۇھىم ھەربىي بازىسىغا ئايلانغان. 1872 - يىلى ئەنگلىيە ئاندامان — نىكوبار ئاراللىرىنى بىرلەشتۈرۈپ بىر مەمۇرىي رايون قىلىپ قۇرغان. 1742 - يىلى بۇ ئاراللارنى ياپونىيە بېسىۋالغان، ئۇرۇشتىن كېيىن ھىندىستانغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. ئاندامان — نىكوبار ئاراللىرىنىڭ دېڭىز قاتنىشى ۋە ستراتېگىيە جەھەتتىكى ئەھمىيىتى ناھايىتى زور. ئۇ تىنچ ئوكيان، ھىندى ئوكيان دېڭىز قاتنىشىدىكى مۇھىم تۈگۈن بولۇپ، مالاككا بوغۇزىنى كونترول قىلىشتا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھىندى ئوكيان بىلەن تىنچ ئوكيان ئارىلىقىدا قاتنايدىغان پاراخوتلارنىڭ كۆپى مۇشۇ ئاراللار ئارىلىقىدىكى سۇ يوللىرىدىن ئۆتىدۇ. ئاندامان — نىكوبار ئاراللىرىنىڭ مەركىزى بولغان بولېر پورتى مۇھىم سۇ قاتناش مەركىزى ۋە دېڭىز ئارمىيە بازىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ جاينىڭ ستراتېگىيە جەھەتتىكى ئەھمىيىتى مۇھىم بولغانلىقتىن ئۆز ۋاقتىدا ئا ق ش، ئەنگلىيە بۇ جايدا دېڭىز، ھاۋائارمىيە بازىلىرىنى قۇرغان. ھازىر بۇ ئورۇنلاردىن ھىندىستان پايدىلانماقتا. ئاندامان — نىكوبار ئاراللىرىدىكى خەلق ئاساسلىق يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقىدا كوكۇس پالمىسى، بانان، سىپارى، شېكەر قومۇشى، موكۋا قاتارلىق زىرائەتلەرنى ئۆستۈرىدۇ. تروپىك مېۋىلىرى بىلەن ئېھتىياجنى تەمىنلەپ سىرتقا چىقىرىدۇ. ياغاچ ماتېرىياللىرىمۇ ئۇنىڭ مۇھىم ئېكسپورت ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ.