ۋېنا
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئاۋسترالىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى، مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، ۋېنا شەھىرىنىڭ ئاھالىسى بىر مىليون 531 مىڭدىن ئوشۇق (1981) بولۇپ، پۈتۈن ئاۋسترالىيە ئاھالىسىنىڭ 5/1 قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ، ۋېنا قەدىمىي شەھەر بولۇپ، بىرىنچى ئەسىردە رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ مۇھىم بىر شەھەرچىسى بولغان. 1137 - يىلى رەسمىي شەھەر بولۇپ قۇرۇلۇپ، ئاۋسترالىيە پادىشاھلىقىنىڭ مەركىزى بولغان، 13 - ئەسىردىن كېيىن تېز تەرەققىي قىلىپ، خېلى كۆركەم بىر شەھەرگە ئايلانغان، 15 - ئەسىردىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ مەركىزى بولغان. 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى ئاۋستروۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ مەركىزى بولغان. ھازىر ئاۋسترىيىنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي مەركىزى، ئۇ جايدا سودا - سانائەت زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى پۈتۈن ئاۋسترىيە ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %30 نى تەشكىل قىلىدۇ. بولۇپمۇ ماشىنىسازلىق، پاراۋوز، ئاپتوموبىل، مېتالچىلىق، ئېلېكتر، خىمىيە، نېفىت، قەغەز، توقۇمىچىلىق، ئۆي جاھازلىرىنى ياساش سانائەتلىرى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. شەھەرنىڭ قاتناش - ترانسپورتىمۇ تەرەققىي قىلغان. ئۇ جايدىكى بىرىنچى يەر ئاستى تۆمۈريولى 1896 - يىلى سېلىنغان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 268 كىلومېتىر كېلىدۇ. قۇرۇقلۇقتىن دۆلەتنىڭ ھەرقايسى چوڭ شەھەرلىرىگە بارىدىغان نۇرغۇن تارماق تۆمۈريول، تاشيوللار بار. ۋېنا دوناي دەريا بويىدىكى مۇھىم دەريا پورتى، ۋېنا مۇھىم تارىخىي شەھەر، ئاتاقلىق مەدەنىيەت مەركىزى، ئۇ جايدا ھەرقايسى پادىشاھلىقلار دەۋرىدە سېلىنغان ھەرخىل شەكىلدىكى ئاتاقلىق چېركاۋلار، مۇھىم خان سارايلىرى، 1869 - يىلى سېلىنغان مەشھۇر دۆلەتلىك تىياتىرخانىلار ۋە باشقا مەدەنىيەت ئورۇنلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، چوڭ باغچىلار، مۇھىم ئەدەبىي - سەنئەت ئورۇنلىرى بار. شەھەرنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. ۋېنا مۇھىم خەلقئارا شەھەر، ئۇ نيۇيورك، جەنۋە شەھەرلىرىدىن قالسا ب د ت نىڭ ئۈچىنچى مۇھىم پائالىيەت مەركىزى.