UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرجەمئىيەت تاقىم ئاراللىرى

جەمئىيەت تاقىم ئاراللىرى

دۇنيادىكى شەھەرلەر تىنچ ئوكياننىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىغا جايلاشقان فرانسىيىگە قاراشلىق پولېنزىيە ئاراللىرى ئىچىدىكى ئاساسىي تاقىم ئاراللار بولۇپ، جەنۇبىي كەڭلىك° 16-°19، غەربىي ئۇزۇنلۇق° 147-°156 ئارىلىقىغا جايلاشقان. بۇ ئاراللار تايتى ئارىلى، مۇرېئا، خاشنى قاتارلىق 15 يانار تاغ ئارىلىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ۋىندۋارد ئاراللار ۋە لېۋارد ئاراللار دەپ ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنىدۇ. قۇرۇقلۇق مەيدانى 1647 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. ئاھالىسى 99 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئاھالىنىڭ ئاساسىنى پولېنزىسلىكلەر، قالغان قىسمىنى فرانسۇزلار، ئىنگلىزلار، خەنزۇلار تەشكىل قىلىدۇ. بۇ ئاراللار 1880 - يىلىدىن باشلاپ فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان. ئارالدا پالما يېغى، پۇراقلىق ماتېرىياللار، قۇرۇق پالما، شېكەر، قۇلۇلە قېپى ئىشلەپ چىقىرىلىدۇ، فوسفورلۇق مىنېرال كانى بار. پاپېتې مۇھىم شەھىرى ھەم پورتى ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر